ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
تۈر نامى: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى
تۈر مەبلىغى: 800 مىليون يۈەن
تۈر ئورنى: ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى يېنىك سانائەت باغچە رايونى
قۇرۇلۇش مەزمۇنى: تۈر ئومۇمىي يەر كۆلىمى 300 مو، تۈر ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 350 مو بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ئامبار، ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسى، ئىسمېنا ئالمىشىش بىناسى، ئاشخانا قاتارلىقلار سېلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 120 مىڭ كىۋادرات مېتىر؛ سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، يول، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، كۆكەرتىش قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلغار پاختا تازىلاش، پاختا ئېتىش، پاختا تازىلاش-پاختا تارىلاش بىرلەشمە ماشىنىسى قاتارلىق يىپ ئېگىرىش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىنىدۇ ۋە قۇراشتۇرۇلىدۇ.
تۈر ئەۋزەللىكى: شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپ ساندىكى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ئالدىن تاللايدىغان خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك پاختىسىنى ئىشلىتىپ توقۇغان پاختا يىپنىڭ سۈپىتى ياخشى، سېتىش يولى كەڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلغان توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى كۆپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئازادە. دۆلەت شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى بېرىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.
تۈر ھەمكارلاشقۇچىسى: ياڭ چياۋ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 15026275679
(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ رەتلىگەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش