دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

تۆگىلەرگە «يازلىق كىيىم ئالماشتۇرۇش»قا ياردەملىشىش بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سەل ئالدىراش
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-30 16:12:44

 «بالىلىرىم، تۆگە تىۋىتىنى قىرقىغاندا ئېھتىيات قىلىڭلار، بۇ تۆگىلەر بەك شاش، ئۇلارغا <يازلىق كىيىم> ئالماشتۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.» 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىخو شەھەرلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى سائېرلىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى چارۋىچى دولقۇن ئەبېۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆگە تىۋىتى قىرقىدى، كۆپچىلىك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىرلىكتە خۇشاللىق ھېس قىلدى.

   «جەمئىي 41 تۆگىمىز بار، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن قىرقىساق بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمى بىلەن نۇرغۇن ۋاقىت تېجەلدى، ئۇلارغا ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى سائېرلىن كەنتىدىن چارۋىچى دولقۇن ئەبېۋ خۇشال ھالدا.

   بىر چۈشتىن بۇرۇن ۋاقىتتىلا، دولقۇن ئەبېۋنىڭ 20 نەچچە تۆگىسى «پاختىلىق چاپان»نى سېلىپ، «يازلىق كىيىم ئالماشتۇرۇۋالدى»، ھەممىسى «جۇشقۇن» بولۇپ كەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۆگە يىرىك يەم-خەشەك بىلەن بېقىشقا ماس كېلىدىغان، يەم تاللىمايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، كىرىمى كۆرۈنەرلىك. شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى سائېرلىن كەنتىنىڭ كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە شىخو شەھەرلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى سائېرلىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي ئوتلاق بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۆگە بېقىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى، تۆگە سۈتى، تۆگە تىۋىتى، تۆگە گۆشى قاتارلىق تۆگە مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىپ بازارغا سالدى ھەم چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق جەريانىدا ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۆگە باقمىچىلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىرغا قەدەر، شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى سائېرلىن كەنتىدە 1039 تۆگە بېقىلىپ، ھەر ئايدا تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، تۆگە بېقىش كەسپى سائېرلىن كەنتىنىڭ خاس باقمىچىلىق كەسپى تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  شىخو شەھەرلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى سائېرلىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى باتۇراش سىجىن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خاس باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، خاس باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ياردەملىشىش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز».

( ئىختىيارىي مۇخبىر جەزىگۈل مىرەمقان)

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش