دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بىڭتۇەننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %127 ئاشتى شىنجاڭدا 2023-يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش تەنتەربىيە ئىمتىھانىدا ئوغۇللارنىڭ 1000 مېتىرغا ۋە قىزلارنىڭ 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى قانداق ئوغۇت ئىشلىتىش، قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىشكە قارىتا چۈشەنچە بېرىلدى ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى «خەن ئەلچىسى ــ بەن چاۋ» ناملىق فىلىم تىيانشان تومۇر چوققا مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان رەقەملەشكەن تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى چىڭمىڭدا ئىنقىلابىي قۇربانلار ياد ئېتىلىپ، سادىق ساقچى روھى تاۋلاندى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

سۈرەتلىك ھېكايە | يۇرتداشلارنىڭ بىر بېيىش يولىنىڭ ئارتۇق بولۇشى ئۈچۈن
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-04-13 11:35:15

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدىكى كۆچەتلىكتە، لى جاۋ (سولدا) بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يۈسۈپجان تۇرسۇن جىگدە كۆچىتىنى تولۇقلاپ تىكمەكتە (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان). 

      تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم، تاغدا سىگنال ياخشى ئەمەس، سەل تۇرۇپ سىزگە تېلېفون قايتۇراي». 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، تېلېفوندا شامالنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى قوشۇلۇپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تاغدا يول چارلاۋاتقان لى جاۋ ئامالسىز تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

 لى جاۋ (سولدا) تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ جىنپېڭغا كەنتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

      لى جاۋ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، ئۇ 2021-يىلى 3-ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغان. بۇ كەنت كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، كەنت تاغ جىلغىسىدىكى دەريا قىنىدا، كىشى بېشىغا ئاران بىر مودىن كۆپرەك يەر توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدا مۇنداق سۆز تارقالغان: «نېمىلا تېرىسا ئۈنمەيدۇ، نېمىلا باقسا ئەي بولمايدۇ».

لى جاۋ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تېلېفوندا سۆزلەشمەكتە. ئۇ ھەر كۈنى نەچچە ئون پۇقرادىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىدۇ (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). 

    بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، لى جاۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپلا كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ، پۇقرالارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئالاقىلىشىپ، تۇپراقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىدى، يېرىم كېچىگىچە توپ سېتىش بازىرىدا تۇرۇپ دېھقانلارغا توخۇ سېتىشىپ بەردى، ئىككى يىلدىن بۇيان يۇرتداشلار ئۈچۈن كۆپ قاترىدى. تارىختا تاساغۇ قەدىمىي يولى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان لى جاۋ مۇشۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ بىر ساياھەت لىنىيەسىنى تاپقىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى، «يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدا بىر يولنىڭ ئارتۇق بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمەن» دېدى لى جاۋ.

 بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتى كوچىسىدىن ئۆتمەكتە (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇرتداشلارغا پائال چىقىش يولى تېپىپ بەردى، بەخت ياراتتى.

 تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىنىڭ بىر بۇرجىكى (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

      يەرنى تۈزلەپ، تۇپراقنى ياخشىلاشتىن سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ئىلمىي تېرىشقىچە؛ قوتان سېلىشتىن ئىلمىي باقمىچىلىققىچە؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن يازلىق تېرىلغۇغىچە ھەممىلا يەردە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇردى، قولمۇقول ئۆگەتتى، زېرىكمەي قايتا-قايتا چۈشەندۈردى. ھازىر، چارۋا باقمىچىلىقى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى، ئاشلىق، كۆكتات، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارمۇ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلاندى. «بۇلتۇر باقمىچىلىقتىن 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، بۇغداينى ئۆزىمىز يېگەندىن باشقا، يەنە 2400 يۈەنلىكتىن ئارتۇق بۇغداي ساتتۇق.» نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە سامساق ئىمىن سامەت مۇنداق دېدى: كۈنلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

      باھار كۈنلىرىدە، باھار شامىلى كوئېنلون تېغى جىلغىسىنى بويلاپ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، كىشىلەرنىڭ چىرايىدا كۈلكە ۋە ئۈمىد جىلۋىلەندى، ئىللىق قۇياش نۇرى تاغ جىلغىسىغا چۈشتى، كەنت ئىچىدە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش