دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

قۇبۇقسار ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرى ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىزباسارلارغا تەجرىبە يەتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورى ۋاقتى:2023-03-29 11:49:47

 تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) «ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى، ئەترىتىمىزنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چوقۇم ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەڭشىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك ...» 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىن چاخېت يېزىسى چاغان تۈڭگى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان ۋۇ شيۇڭۋېينىڭ ئىش ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى، «كەنتتە تۇرۇشلۇق» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەسكەرتىش بولدى.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى، چاخېت يېزىسى چاغان تۈڭگى كەنتىدە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقى ۋۇ شيۇڭۋېي ( ئوڭدىن 2 -كىشى) يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەزىرە تۆلېۋقان (ئوڭدىن 1 -كىشى) بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قويلىرىنى داۋالىماقتا. ياڭ جۈنيىڭ فوتوسى

  يېڭى بىر تۈركۈم كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى تېزدىن پىششىق بىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قۇبۇقسار ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ كەنت (مەھەللە)لەرگە قايتىپ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. مۆتگې يېزىسىدا، ۋۇ شيۇڭۋېيغا ئوخشاش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى يەتتە ئەترەت باشلىقى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرى كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىش، سىياسەت تەشۋىق قىلىش، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەمەلىيەت داۋامىدا بىرى بىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىرى كۆپكە يېتەكچىلىك قىلىش شەكىللەر ئارقىلىق، ھازىرقى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۇلارغا قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى تېزدىن پىششىق بىلىشى ۋە قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  ھازىرغىچە، قۇبۇقسار ناھىيەسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى 80 ئەترەت باشلىقى كەنت (مەھەللە)لەرگە قايتىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش