ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. بۇرچ زىممىگە ئېلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېڭى پىلان تۈزۈلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئارقا ـ ئارقىدىن نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.
2 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى سىيۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى ۋېي جىشياڭ كەنتكە كەلگىلى دەل بىر ئاي بولغان كۈن شۇنداقلا، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئائىلىلىك دېھقاننى زىيارەت قىلىپ بولغان كۈن ئىدى.
ۋېي جىشياڭ مۇنداق دېدى: زىيارەت قىلغاندىلا ئاندىن كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ، ھەربىر ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ چىققاندا، كۆڭلىمىزدە ئاندىن سان بولىدۇ، خىزمەت ئىشلىگەندە ئاندىن ئىشەنچىمىز بار بولىدۇ.
خىزمەتنى قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ياخشى قىلالايمىز؟ قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىغا سىڭىشىپ كېتەلەيمىز؟ بۇ، كەنتتە تۇرۇشقا يېڭى چۈشكەن نۇرغۇن كادىر دۇچ كېلىدىغان يېڭى تېما، ئىشخانىدىن ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بارغان ۋېي جىشياڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىز لازىم، ئۇلار بىلەن ھال ـ ئەھۋاللىشىش جەريانىدا ئوبدان تونۇشالايمىز، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئوبرازىمىزنى تىكلىيەلەيمىز.
ۋېي جىشياڭ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئىشخانىدا نۇرغۇن نەزەرىيە ـ سىياسەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ئىدۇق، ئەمدى كەنتكە چۈشتۇق، بۇ دەل ئۆگىنىش نەتىجىلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان مەزگىل. تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، كەنتنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، خەلق رايىنى ئېنىق بىلىپ، سالاھىيىتىمنى ئۆزگەرتىپ، كەنتتە تۇرغاندىكى ھەربىر قەدىمىمنى ياخشى ئالىمەن.
«بۇ قىزنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى كۈچلۈك ئىكەن، مەسىلىگە يولۇقسا بىرىنچى ۋاقىتتا بىزدىن تەلىم ئالىدۇ، كىچىك ھەسەل ھەرىسىگىلا ئوخشايدىكەن.» بۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى ئىلغار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كونا ئەترەت ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئەترىتىگە يېڭى قوشۇلغان ئەترەت ئەزاسى ۋاڭ يۆگە بەرگەن باھاسى.
2 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ۋاڭ يۆ كەنتكە كەلگەندىن كېيىن تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالدى، ئۇ يېڭى ۋەزىپە، يېڭى رىقابەت ئالدىدا، ھەمىشە سوراپ بىلىشنى ئەيىب كۆرمەي، ئىشلەش جەريانىدا ئۆگەندى، ئۆگىنىش جەريانىدا ئىش قىلدى.
ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىم خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر «ئوقۇغۇچى»، شۇڭا كونا ئەترەت ئەزالىرىدىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، تەلىم ئېلىپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بالدۇرراق مۇستەقىل زىممەمگە ئېلىشقا تىرىشىمەن.
«كەنتتە تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشتۇر.» ئاممىنىڭ ئىشىنى قەلبكە پۈكۈپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇ، 1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى يېڭىلا كەنتكە بارغان ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى بازىرى يۇقىرىقى بالداڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى ۋېي يۈكۈننىڭ خىزمەت كۆرسەتمىسى.
ۋېي يۈكۈن مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا، كەنت كادىرلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش لازىم. «پېشقەدەم» كادىر، يېڭى ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سالاھىيىتىمنىڭ ئۆزگىرىشى مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى تەجرىبە ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىپ ئىش ئورنىدىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» ۋە پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كۈچەپ ياردەم بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىمەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش