دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

كېرىيە ناھىيەسى: زىمىستان قىشتا غەمخورلۇق قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ​كادىرلار بىلەن ئامما قەلبداش بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2022-12-27 11:18:12

 ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كادىرلىرى ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

     «بىز ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئارال يېزىسى ئارال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئادىل مەمەت.

      12-ئاينىڭ 9-كۈنى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە قىيىنچىلىقى بار 30 ئائىلىلىكنىڭ ھەربىرىگە 500 كىلوگىرامدىن قىشلىق كۆمۈر تارقىتىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى.

      ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ قىشلىق كۆمۈر سېتىۋالالمىغانلىقىنى بىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئارقا تىرەك ئورۇن بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ 30 توننا كۆمۈر سېتىۋېلىپ، كەنتتىكى كىچىك ئەترەت باشلىقلىرىنى تەشكىللەپ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتا كۆمۈرنى ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئۆيمۇئۆي يەتكۈزۈپ بەرگەن.

     «بۇ يىل قىشتا ئىسسىنىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىگە كۆپ رەھمەت، كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت» دېدى ئارال كەنتىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇخەبەر رەجەپ ھاياجانلانغان ھالدا.

  «ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، بىز كۆمۈر يوق، قانداقمۇ قىلارمىز دەپ غەم قىلىپ تۇرغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە قىشلىق كۆمۈرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، ئۆيىمىز ئىسسىدى، قەلبىمىز تېخىمۇ ئىللىدى» دېدى ئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايىمخان ئىمىن.

مەنبە: كېرىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئىختىيارىي مۇخبىرلار: رىزۋانگۈل مەمەتجان، تۇرسۇنگۈل ساۋۇت

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش