ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس
10- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى يىنجار كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ بېغىدا، قىزىل جىلىتكە كىيگەن پىدائىيلار قولىدا كىچىك چېلەك تۇتۇپ، بۈك- باراقسان مالىنا پېلەكلىرى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، توق ھەم يۇمىلاق، يالتىراپ تۇرغان مالىنالارنى ئاۋايلاپ ئۈزۈپ چېلەككە سالدى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئۈزۈش نەق مەيدانى تەرتىپلىك بولدى.
كۈنەس ناھىيەسى نارات بازىرى يىنجار كەنتىدىكى باغدا قىزىل جىلىتكە كىيگەن پىدائىيلار باغۋەنلەرنىڭ مالىنا ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە. سۈرەتنى كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
«مالىنانى ئۈزۈش مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، مېۋىسىنى بىر تۈركۈمى پىشقاندا بىر تۈركۈمىنى ئۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقلاش تەس، تېز ئۈزۈپ، سېتىش ياكى پىششىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.» بۇ كەنتنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ مېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، يىنجار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئۈزۈش، ئوراپ قاچىلاش، توشۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى پائال ھەل قىلىپ بەردى.
«پىدائىيلار بىزنىڭ ئۈزۈشىمىزگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە سېتىش يولىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بەردى.» كەنت ئاھالىسى لى جياۋجياۋنىڭ ئېيتىشىچە، پىدائىيلار باغدا سۈرەتكە ئالغان سىننى ۋېيشىن، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن سېتىۋېلىش سودىگىرىنى جەلپ قىلغان.
يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىپ كۆپ كىرىم قىلىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوڭۇشلۇق سېتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈش ۋە سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بەردى.
قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرى قوشئېرىق كەنتىدە، باغۋەن ياڭ ۋاڭنىڭ 17 مو ئۈزۈمى 9-ئايدىن باشلاپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. كىم ئۈزۈش، كىمگە سېتىش قىيىن مەسىلىسى ياڭ ۋاڭنى ئۇخلىيالماس، گېلىدىن ئاش- تاماق ئۆتمەس قىلىپ قويدى. «ئەگەر ئېتىزدا سېسىپ كەتسە، بىر يىل بىكار ئاۋارە بولغان بولىمەن»، دەيتتى ياڭ ۋاڭ.
ھالقىلىق پەيتتە، قورغاس ناھىيەلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى قوشئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇر ياڭ ۋاڭنى خاتىرجەم قىلدى. خىزمەت ئەترىتى بىر تۈركۈم مېۋە ئۈزۈش ئىشچىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، پىدائىيلار بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم، شىنمېي قاتارلىق مېۋىلەرنى ئۈزۈش، توشۇشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، توشۇشنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، توڭلىتىش ئىسكىلاتى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، سېتىش يولى ئىزدىدى.
قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرى قوشئېرىق كەنتىدە، باغۋەن ياڭ ۋاڭنىڭ ئۈزۈمىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. سۈرەتنى قورغاس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
«نۆۋەتتە، كەنتىمىزدىكى شىنمېي، شياڭفېي تاشئالمىسى، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىپ چىقىرىلدى، ئۈزۈمنىڭمۇ بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ، باغۋەنلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە كىرىمى ئاشتى، بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق»، دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ما جىيەن.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، باشقا جايلاردىن كەلگەن يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى ئىلى ئوبلاستىغا كىرگەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى مەركەزلىك تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇپ، ھەر كۈنى بىر ئادەمگە بىر پىروبېركا ئىشلىتىپ خېسۇەن تەكشۈرتتى ھەمدە ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى. مېۋە- چېۋىلەرنى ئۈزۈش، قاچىلاپ توشۇش نۇقتىسىنى توغرا، دەل بېكىتكەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق شىتابى مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا قاچىلاپ توشۇشنى يولغا قويۇپ، شوپۇرنىڭ باشقا خادىملار بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلاندى. مېۋە- چېۋە مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروت رايونى قاتارلىق جايلاردا مېۋە- چېۋە تىرانسپورتى بويىچە ئۇلاپ توشۇش پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئىلى ئوبلاستىغا باشقا جايلاردىن كەلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش، ئۇلاپ توشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توشۇشىنى قوللىدى.
كۆكتات، مېۋە- چېۋە سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر مېۋە- چېۋە بازار ئۇچۇرى تەمىنلەش- ئېھتىياج سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، مېۋە- چېۋە ئۆستۈرۈش بازىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر زاپاس ساقلاش كۆلىمىنى ساقلاپ، مېۋە- چېۋە تەمىنلەش- ئېھتىياج بازىرىنى مۇقىملاشتۇردى. نۆۋەتتە، ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلاردا باغ- ئورمانچىلىق سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 121ى قۇرۇلدى، ئومۇمىي ئىسكىلات سىغىمى 252 مىڭ توننىغا يەتتى. 8- ئايدىن بۇيان، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدا ئالما، ئۈزۈم، شىنمېي قاتارلىق مېۋىلەردىن جەمئىي 49 مىڭ توننا ئالدىن سوغۇق ساقلاندى. باغ- ئورمانچىلىقنىڭ يېڭى پېتى ساقلاش ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇپ، ئوبلاست ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر يۇقىرى- تۆۋەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، كۈزلۈك يىغىمدا ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنى پائال تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ يىغىم يىغىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەر قايسى ئورۇنلار كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، سۇپا بەرپا قىلىش، كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىش، سودا ساراي، تاللا بازارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كۆپ ھوسۇل ئېلىپ، كۆپ كىرىم قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 329 مىڭ مو يەردىكى مېۋە- چېۋە يىغىۋېلىنىپ، پىلاننىڭ %71.7ى ئورۇندالدى؛ 420 مىڭ توننا مېۋە يىغىۋېلىنىپ، پىلاننىڭ %86.7ى ئورۇندالدى.