دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقى ئۈچۈن
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-25 12:12:28

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇا، ياڭ يىجۈن، ۋاڭ بىن، يىن شياۋشېڭ

كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش مەزگىلىدە، جېجياڭ تۇپرىقىدا خۇشبۇي دارچىننىڭ ھىدى تارقىلىپ تۇراتتى؛ لېيفېڭ مۇنارى ئاستىدا، شىخۇ كۆلى بويىدا سىم - سىم يامغۇر يېغىپ تۇراتتى.

«ھەرقايسى يېڭى، قەدىناس دوستلار بىلەن گۈزەل شىخۇ كۆلى بويىدا جەم بولۇپ، 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئورتاق كۈتۈۋالغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن».

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدىكى شىزى مېھمانسارىيىنىڭ يىيۈەن باغچىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن جۇڭگو ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 3 - قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى. ئاسىيادىكى 45 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 12 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى خاڭجوۋ شەھىرىگە جەم بولۇپ، «ئۆزئارا ئىشىنىپ ۋە قوللاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»تىن ئىبارەت ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇچرىشىشىغا ئورتاق ئاتلاندى. ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

سائەت 11 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، «سۇ يۈزى جىمىرلاپ گۈزەل تۈسكە كىردى» ناملىق غايەت زور تاغ - دەريا رەسىمى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ۋە رەپىقىسى ئەسما، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا، شەرقىي تىمور زۇڭلىسى شانانا، كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇ، مالايسىيا تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى زوخارى ۋە رەپىقىسى نوراينى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ ۋە رەپىقىسى ۋىنىتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ قاتارلىق خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

زىياپەت زالىدا، شىخۇ كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان ئاساسىي ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمىدە سۇ بىلەن ئاسمان ئوخشاش رەڭگە كىرگەن بىپايان كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەنىدى. ھاۋارەڭدىكى «فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى»دە جاڭنەندىكى تاغ - دەريالارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىنغانىدى. ئاساسىي تاماق ئۈستىلىدە، بەيشەنزۇ تاغ چوققىلىرىدىن دۇڭخەيدىكى داچېن ئارىلىغىچە، «سەنتەن يىنيۆ»دىن بېيجىڭ - خاڭجوۋ چوڭ قانىلىغىچە، چيەنتاڭجياڭ دەرياسىدىن ئەنجىيۈ كەنتىگىچە، جېجياڭنىڭ يەر بەلگىلىرى كىچىكلىتىلگەن بۇ مەنزىرىلەر خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سىموۋل قىلىنغان 19 ئوچۇق يېشىل رەڭلىك مۇسابىقە يولى بىلەن گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، جېجياڭ تۇپرىقىنىڭ سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولغان رەڭدار يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

«تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى.

«بۈگۈن جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمى. مول ھوسۇل ۋە جەم بولۇش مەنىسىگە ئىگە بۇ كۈندە، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم تۇتاشتۇرۇلدى».

ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، جۇڭگونىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى بايان قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ «ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاسىيا خەلقىنىڭ تىنچ ئۆتۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن» دېگەن سۆزى ئارقىلىق خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىياغا بولغان، دۇنياغا بولغان دەۋر قىممىتىنى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى نامايان قىلدى.

«تەنتەربىيە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» −

2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي دۇنياغا كەلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىنچلىق سەۋەبلىك بارلىققا كەلدى، تىنچلىق سەۋەبلىك گۈللەندى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئومۇمەن تىنچ، مۇقىم بولغان رايون مۇھىتىدا «مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل» بولغان ئاسىيا مۆجىزىسىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئاسىيا بىلەن، دۇنيا بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى پۇختا قەدىمىنى خاتىرىلىدى.

زىياپەتتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «ئاسىيا جاسارىتى» ناملىق ناخشىسى ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «ئورتاق قىزغىن سۆيۈش، ئورتاق قاتنىشىش» ناملىق باش تېما ناخشىسى جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، تەقدىرداش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىنى يەتكۈزدى.

دۇنياغا نەزەر سالساق، 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئاسىيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى نۇرغۇن يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

«تاغ - دەريالىرى ئۆزئارا تۇتاشقان، ئادىمىيەت جەھەتتىن يېقىن بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تەنتەربىيە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئاسىيانى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىم لەڭگىرى قىلىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي جاكارىغا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىنچ ماكاننى ئورتاق قوغداشتەك سەمىمىي ئۈمىدى يۈكلەنگەنىدى.

كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يۈكسەك نىشان ۋە ئاساسىي مەقسەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەھمىيىتى زور، كۇۋەيت تەرەپ قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ.

«تەنتەربىيە ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» −

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى بەس - بەستە قىزغىن قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى، تۈرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئومۇمىي كۆلىمىدە بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرى ئۇنى بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقە قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ 45 ئەزاسى تولۇق «جەم بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«تاغقا دۇچ كەلگەندە بىللە يامىشىش، جىلغىغا دۇچ كەلگەندە بىللە ھالقىش» «شېكەر قومۇشى بىللە ئۆسىدۇ، شياڭماۋ توپ بولۇپ ئۆسىدۇ»، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى بۇ ئاسىيا ماقال - تەمسىللىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت ئىدىيەسىنى بايان قىلغان. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنيا خەلقىگە شۇنى ئۇقتۇردىكى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاسىيا خەلقىنىڭ دوستلۇقنى قەدىرلىشى، ئىتتىپاقلىققا تەلپۈنۈشىنى توسۇيالمايدۇ.

باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ قەدىناس دوستى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى. باخ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: «ھازىر دۇنيا جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن توغرا مەيداندا تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ».

ئارىدىن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قايتا كۆرۈشكەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو چوقۇم دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك قالتىس، تەڭداشسىز تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىنى يەنە بىر قېتىم تەقدىم قىلىپ، ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ».

زىياپەت سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى مەردانە - جاراڭلىق ئىدى: «بىز تەنتەربىيە ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ <مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەش> دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلۇپ تۇتاشقان ئاسىيا يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىمىز».

«تەنتەربىيە ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» −

زىياپەتتە، جېجياڭ ناخشا - ئۇسسۇل تىياتىر ئورنىنىڭ مىللەتلەر ئوركېستىرى، جېجياڭ سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان «چاي ئۈزۈش ئۇسسۇلى مۇزىكىسى» قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە باي جۇڭگو مۇزىكىلىرى كامبودژانىڭ «جۇڭگونى ئەسلەيمەن»، سۇرىيەنىڭ «چۈشتىكى گۈل»، شەرقىي تىمورنىڭ «شەرقىي تىمور سىزنى قارشى ئالىدۇ»، نېپالنىڭ «شايى لېنتا ئۇسسۇلى»، كۇۋەيتنىڭ «دۆلەت بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلماقتا»، كورېيەنىڭ «مۇھەببەت»، مالايسىيانىڭ «ئىنىكئانىنىڭ گاز ياغلىقى» قاتارلىق مۇزىكىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت ئىناقلىق سىمفونىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ماكانى، ئاسىيا مەدەنىيىتى ھەممىنى قوبۇل قىلغان، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان. چامباشچىلىق، شۇڭ توپ، كېروۋشۇ، كاباددى، قورشاۋ شاھمات... خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە باي تۈرلەر ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ئېچىۋېتىشچانلىقىنى نامايان قىلدى.

«بىز تەنتەربىيە ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيلىك ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك» رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەربىيە بىلەن مەدەنىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر باغلىنىشنى شۇنداق بايان قىلدى.

خاڭجوۋ قەدىمدىن تارتىپ ئادىمىيەت جەھەتتە گۈللەنگەن، مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان جاي، ھەم سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوۋ ياڭشيۇ تەرىپىدىن «تاغ - دەريالىرى گۈزەل، ئادەملىرى تىرىشچان، ئاۋات جاي» دەپ تەرىپلەنگەن، شۇنداقلا ماركوپولو تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، ئېسىل شەھەر» دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىن كەلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى مۇسابىقىلەشكەندە ۋە ئارام ئالغاندا بۇ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە تولغان شەھەر، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مەركىزىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش جەريانىدا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارغا بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەر جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسىنى قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «جېجياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلماقتا، ئۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىن يۈرگۈچىسى».

بۈگۈنكى جېجياڭدىن جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ قالتىس مۇساپىسىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى جېجياڭدا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، جېجياڭ «ئەزىمەتلەرنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى»دەك يول ئېچىش روھى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قالتىس ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيا ئۈچۈن ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋە كەلگۈسى جۇڭگونى كۆزىتىدىغان بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ئۈچ يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭى دوستلار، قەدىناس دوستلار بىلەن شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا سەمىمىي كۆرۈشتى. كېلىشىۋالغاندەكلا، خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئەزىز مېھمان جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى.

«كۆپچىلىكنىڭ لىرىك شېئىر، نەپىس سۈرەتتەك گۈزەل جېجياڭدا ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى ئاستىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

بۇ مول ھوسۇل ۋە جەم بولۇش پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. «جۇڭگو خاسلىقىغا ئىگە، ئاسىيا سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان، قالتىس بولغان» خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش