ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت
شى جىنپىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ماددىي تېخنىكا ئاساسى سېلىش كېرەك
لى چياڭ مەملىكەتلىك يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پائال تۈردە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ماددىي تېخنىكا ئاساسى سېلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، كارخانىلار سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر كەڭ قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتى، مۇھىم پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى چوڭقۇر بايان قىلىندى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە ئائىت بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ سانائەتلەشتۈرۈشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى، ھەمدە دۇچ كەلگەن مۇھىت، شارائىت ئۆزگىرىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دەۋر تەلىپى ۋە ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسىپ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، سانائەتنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇشقا سىجىل كۈچەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك.
ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، قىسمەن ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش