دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-25 11:59:02

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يۈەن جېنيۈ، ياڭ يىجۈن) 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى شىزى مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

ئۇلار: كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ۋە رەپىقىسى ئەسما، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا، شەرقىي تىمور زۇڭلىسى شانانا، كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇ، مالايسىيا تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى زوخارى ۋە رەپىقىسى نوراينى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ ۋە رەپىقىسى ۋىنىتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ھەمدە بىرۇنېي سۇلتانىنىڭ ۋەكىلى شاھزادە سۇفرى، ئىيوردانىيە شاھزادىسى فايسال، تايلاند مەلىكىسى سىرىۋانناۋارى قاتارلىق خان جەمەتى ۋەكىللىرى.

كۈزدىكى يىيۈەن باغچىسىدا دولقۇنلىنىپ تۇرغان سۇ يۈزىدە قۇياش نۇرى جىمىرلاپ تۇراتتى، خۇشبۇي دارچىننىڭ ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

زىياپەت زالىدىكى ھاۋارەڭ ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم خۇددى لىرىك شېئىر، نەپىس سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، تاغ - دەريالاردا سەيلە قىلىۋاتقاندەك يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلاپ كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈن جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمى. مول ھوسۇل ۋە جەم بولۇش مەنىسىگە ئىگە بۇ كۈندە، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم تۇتاشتۇرۇلدى. بىز ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى ۋە ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايون ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگو خاسلىقىغا ئىگە، ئاسىيا سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان، قالتىس بولغان» كاتتا تەنتەربىيە مەرىكىسىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا ۋە خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاسىيا خەلقىنىڭ تىنچ ئۆتۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، ئىقتىسادى سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل» بولۇشتەك ئاسىيا مۆجىزىسىنى ياراتتى. تاغ - دەريالىرى ئۆزئارا تۇتاشقان، ئادىمىيەت جەھەتتىن يېقىن بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تەنتەربىيە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئاسىيانى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىم لەڭگىرى قىلىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بىز تەنتەربىيە ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، «مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلۇپ تۇتاشقان ئاسىيا يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. بىز تەنتەربىيە ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيلىك ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جېجياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلماقتا، ئۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىن يۈرگۈچىسى. كۆپچىلىكنىڭ لىرىك شېئىر، نەپىس سۈرەتتەك گۈزەل جېجياڭدا ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى ئاستىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئەزىز مېھمانلار جېجياڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدىن زوق ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش