دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سۇرىيە زۇڭتۇڭى، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-25 10:08:24

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ بىن، ما جيەن) 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۇرىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەينى يىلى يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ سۇرىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو ـ سۇرىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە تەرەپ بىلەن بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىيەنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشى، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشى، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سۇرىيەنىڭ قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «سۇرىيەلىكلەر يېتەكچىلىك قىلىش، سۇرىيەلىكلەر ئىگىدارلىق قىلىش» پىرىنسىپى ئارقىلىق سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سۇرىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

بەشىر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۆزىگە تايىنىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا باشتىن ـ ئاخىر خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەرەپتە تۇرۇپ، مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ مەقسىتى ھەمكارلىق ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچ، گۈللەنگەن كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىش، سۇرىيە تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ. سۇرىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە خەلقىگە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇستەھكەم دوستى ۋە ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ. سۇرىيە تەرەپ سۇرىيە ـ جۇڭگو ئىسىتراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئالماشتۇرۇش، ئىقتىساد ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، جاڭ شۈەن) 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. كۇۋەيت يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلىتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئىمزالىغان ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 52 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ كۇۋەيت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيت تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو ـ كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، كۇۋەيت تەرەپ بىلەن ئىچكى ئىشقا ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بۇ «قىممەتلىك قائىدە»نى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيت تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كۇۋەيت تەرەپنىڭ «2035 ـ يىل دۆلەت ئارزۇسى»نى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ، كۇۋەيت تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، مۇھىتنى تۈزەش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. كۇۋەيت تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق قوللىشىنى ھەم جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كۇۋەيتكە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتىش بولمىغان بازار مۇھىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيت تەرەپ بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

مىشال مۇنداق بىلدۈردى: دوست جۇڭگو خەلقىنىڭ پات ئارىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. كۇۋەيت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كۇۋەيت ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن رازى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يۈكسەك نىشان ۋە ئاساسىي مەقسەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەھمىيىتى زور، كۇۋەيت تەرەپ قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ. كۇۋەيت تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇۋەيتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ. كۇۋەيت تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق دېڭىز قولتۇقى رايونى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كۇۋەيت دۆلىتىنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى بەش يىللىق يىرىك پىلانى قوشما باياناتى (2024 − 2028 ـ يىل)» ھەم ھاسىلىي ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، جۇ خەن) 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ سىنگ ۋە ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى ئۇزاقتىن بۇيان ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇش، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئىشلىرىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى ۋە ئاسىيا ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئورتاق قوللىشىدا، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ، جۇڭگونىڭ 1990 ـ يىللىق بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2010 ـ يىللىق گۇاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن 3 ـ قېتىم ئۆتكۈزگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى، تۈرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئومۇمىي كۆلىمىدە بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئاسىياچە سالاپەتكە ئىگە، قالتىس بولغان» كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇنتۇلغۇسىز خاڭجوۋ ئەسلىمىسى قالدۇرۇشقا ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار.

سىنگ مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئاسىيا ئولىمپىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا ھەمدە بۇ قېتىمقى خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. خاڭجوۋدىكى تۈرلۈك مەيدان ـ سارايلارنىڭ ئەسلىھەلىرى ناھايىتى چىرايلىق، ئىلغار بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن، تەنھەرىكەتچىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى. جۇڭگو خەلقى ناھايىتى قىزغىن، دوستانە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلدى. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم قالتىس، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! جۇڭگونىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق مۇھىم تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ بىن، يىن شياۋشېڭ) 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن خىرىس ئالدىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئولىمپىك ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۆزگىچە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. بۇلتۇر جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلارنى يېڭىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەقدىم قىلدى، بېيجىڭ يەرشارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ ئولىمپىك روھىنى تارقىتىش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئولىمپىك ئىشلىرى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئاسىياچە سالاپەتكە ئىگە، قالتىس بولغان» كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەقدىم قىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار.

باخ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگىنىمدە، تولۇپ تاشقان سەمىمىيلىك ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناھايىتى قالتىس، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىدىن سىجىل نەپ ئالىدۇ. ھازىر دۇنيا جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قوللانغان توغرا مەيدانىنى ئالقىشلايدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىقتىن رازى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، قالتىس ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاسىيانىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش