19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە جېجياڭ خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى سۈرەت ۋە يېزىق شەكلى ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.