ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت
خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: 4-ئايدا، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بازىرى داۋاملىق پۇختا، ساغلام ئەسلىگە كېلىپ، پۈتۈن ساھە بويىچە تاماملانغان تىرانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارى 9 مىليارد 310 مىليون توننا كىلومېتىرغا يېتىپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %7.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %214.5 ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %88.6ىچىلىك ئەسلىگە كەلدى؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش كۆلىمى داۋاملىق قايتا ئېشىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 50 مىليون 275 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %10.0 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %537.9 ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %94.6ىچىلىك ئەسلىگە كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش كۆلىمى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.4 ئاشتى؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورت كۆلىمى ئاساسەن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، تاماملانغان يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورت مىقدارى 545 مىڭ توننا بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.4 تۆۋەنلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.5 ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %90.6ىچىلىك ئەسلىگە كەلدى. 4-ئايدا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. پۈتۈن ساھە بويىچە ئايروپىلانلارنىڭ كۈندىلىك پايدىلىنىش نىسبىتى 8.2 سائەت بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.7 سائەت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.0 سائەت ئاشتى.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى: ساۋ دەن، لى شياۋخۇ)
مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش