دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كامبودژا پادىشاھى، نېپال زۇڭلىسى، شەرقىي تىمور زۇڭلىسى، كورېيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-25 12:09:19

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ بىن، تاڭ تاۋ) 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ۋە جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇق يىلى. مەن پادىشاھ سىخامونى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشتۈم، بۇ، جۇڭگو - كامبودژانىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يېقىندا، مەن بېيجىڭدا باش ۋەزىر خۇڭمانەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل مېنىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتى بۇ ئىدىيەنى ھەمدە جۇڭگونىڭ قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ خەلقئارا ۋە رايون سەھنىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشىدا كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى تېزرەك قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى كېرەك.

سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئۆمەك باشلاپ گۈزەل خاڭجوۋغا كېلىپ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. جۇڭگو ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو چوقۇم يەنە بىر قېتىم دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك قالتىس، تەڭداشسىز كاتتا تەنتەربىيە مەرىكىسىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. كامبودژا خەلقى شاھىنشاھ سىخانوك جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ئورتاق بەرپا قىلغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، كامبودژا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئورناتقان جانجىگەر دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. كامبودژا - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاڭ يىيىڭ، ۋاڭ بىن) 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 68 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن نېپال دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر - بىرىگە ھەمراھ بولدى، بىر - بىرىگە پۇرسەت ياراتتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نېپال تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن نېپال «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا پائال نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە قىلدى. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇپ، چېگرا تىرانسپورت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، نېپالنىڭ بالدۇرراق «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى نېپالغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە، نېپالنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، نېپال تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نېپالنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن نېپال خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

پىراچاندا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەر دۇنياۋى رەھبەر، بارلىق نېپال خەلقىنىڭ ياخشى دوستى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نېپال بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا تايىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان دوست ۋە ھەمراھلار. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نېپالغا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەرگەن خالىس ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. نېپال تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن ۋە شىزاڭنىڭ ھەممىسى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، نېپال تەرەپ ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ، بۇ مەيدانىدا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئىككىلەنمەيدۇ. نېپال تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ، ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇنىڭ نېپالنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نېپال تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۈگۈن كەچتە باشلىنىدىغان خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاسىيا خەلقى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، شاۋ يىبو) 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن شەرقىي تىمور زۇڭلىسى شانانا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن شەرقىي تىمور مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي تىمورنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو شەرقىي تىمورنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلدى ھەم شەرقىي تىمور بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى، سىياسىي ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىچكى خاس مەزمۇنى سىجىل موللاشتى، كېڭەيدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ رېئال ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شەرقىي تىمور بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر قەتئىي قوللاش جۇڭگو بىلەن شەرقىي تىمور مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشتىكى مۇھىم سىياسىي ئاساس. ئىككى تەرەپ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاشلىقتا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ نۇقتىلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي تىمورنىڭ رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللايدۇ، شەرقىي تىمور بىلەن جۇڭگو − پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق سۇپىلاردا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شانانا مۇنداق بىلدۈردى: 2014 - يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە پائال نەتىجىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشالمەن. شەرقىي تىمورنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر قىممەتلىك مەدەت بېرىپ كەلدى، شەرقىي تىمور يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا كۈچلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، بۇنى شەرقىي تىمور خەلقى قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋالاش پاراخوتىنىڭ شەرقىي تىمور خەلقىگە جىددىي ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بولغان ئېھتىياجىغا جاۋاب بەردى، شەرقىي تىمور بۇنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ. شەرقىي تىمور بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم ئىدىيە تەشەببۇسى ۋە سىياسەت تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي تىمورغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي تىمورنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، بايلىق ئېچىش، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تىمور دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ۋاڭ بىن) 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان يېقىن قوشنا، شۇنداقلا ئايرىلالمايدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى. 1992 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مۇھىم مەنپەئەت يەتكۈزدى. جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، پۇختا بولۇشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، دوستانە ھەمكارلىق باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ كورېيە بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، كورېيە تەرەپنىڭ جۇڭگو - كورېيە ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇش ئاكتىپ ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. كورېيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى سىياسەت ۋە ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، دوستانە ھەمكارلىشىشنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويدى، جەزمەن غايەت زور بازار پۇرسىتىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن كورېيە ئوخشاشلا كۆپ تەرەپچىللىكنى ۋە يەرشارىۋى ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

خەن دېجۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېقىن قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كورېيە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. بۇلتۇر بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، زۇڭتۇڭ يىن شىيۆ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇردى. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى، كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ساغلام، پىشىپ يېتىلگەن كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، خادىملار ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئېشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش