دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى خوتەندە دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىدۇ دۆلەت دەرىجىلىك! ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىردى شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلدى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ 35- نۆۋەتلىك شياۋداۋ كاڭيۈ شىنجاڭ داشۆ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى ۋىلايەتنىڭ ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 14 ـ قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ۋىلايەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭمانەي بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-18 13:03:10

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭمانەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش ۋەزىر خۇڭمانەينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگونى ئىككى تەرەپ زىيارىتىدە بولىدىغان تۇنجى دۆلەت قىلىپ تاللىغانلىقى كامبودژا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا جانجىگەر دوست. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا يۈكسەك ئىشىنىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالدى، باشتىن ـ ئاخىر قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللىدى، بۇ، جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. بۇ يىل، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشتىكى ئۈلگە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژا تەرەپ بىلەن دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى نۇسخىدىكى جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى بېيىتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە سىجىل زەربە بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار، يەرلىك، مائارىپ، ساياھەت، داۋالاش ـ سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر كامبودژانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى، ئەڭ مۇستەھكەم تايانچى. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

خۇڭمانەي مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ جۇڭگونى رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان تۇنجى دۆلەت قىلىشىم كامبودژا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا بولغان دوستلۇق سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىپ، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ جانجىگەر دوستلۇقىنى يەنىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» رامكىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، سېلىنما، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كامبودژا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، كامبودژا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش