دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولدى شىنجاڭ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى «تېزلەشتى» شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ​ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ​تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك ​ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك «شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى ۋىلايەت بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-12 18:12:52

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولدى.

ۋېنگرىيەدىكى مەزگىلدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەر ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لېزاك ساندور ھەم رەپىقىسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە − ياش دېموكراتىزمچىلار ئىتتىپاقى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇناي مونىكا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ناجى مارتون، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە پارلامېنت ئىشلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماجيار لېۋېنتې، خەۋپسىزلىك سىياسىتى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىشلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ستالوي ئاندىراش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمدە پېست ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى زابو ستىۋان، زابوچ ـ زاتمار ـ بېرېگ ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى سېسك ئوسكار قاتارلىق يەرلىكتىكى ئاساسلىق مەسئۇل خادىملار بىلەن كۆرۈشتى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز رەئىس شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ روشەن رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكى، سۇپا ئەۋزەللىكى، تارىخىي ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 74 يىللىقى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بىز ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىقتىساد ـ سودا ۋە پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە دوستانە شەھەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

ۋېنگىرىيە تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: ۋېنگىرىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ ھەم شىنجاڭ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ ھەم 8 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى پائال تەشكىللەيدۇ.

زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە ۋېنگىرىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە ھاياتلىق ئىلمى داشۆسى، ۋېنگىرىيە جۇڭگو ـ ياۋروپا سودا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى، خۇاۋېي ۋېنگىرىيە شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ۋېنگرىيە كارخانىچىلىرى ۋە ياللىغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو بانكىسى ۋېنگرىيە شۆبە بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۆمەك بىلەن بىللە بارغان ئالاقىدار كارخانىلار جۇڭگو ـ ياۋروپا سودا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

جۇڭگونىڭ ۋېنگىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ياڭ چاۋ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر، ئۆمەك بىلەن بىللە بارغان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش