شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 75 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش باش شۇجى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى ۋە ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇردى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى ھەم مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىشىنىمىزكى، يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قېرىنداش چاۋشيەن خەلقى چوقۇم چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، يېڭى پەللىگە قەدەم قويالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىپ يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم ئۇچرىشىپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي دەۋرگە ئورتاق يېتەكلىدۇق. تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.