ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماراكەشتە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر، زور دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماراكەش ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ چوقۇم ئاپەتنىڭ تەسىرىنى بالدۇرراق تۈگىتىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش