دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 11:43:43
5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مىشۇستىنغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 3 - ئايدا، مەن رۇسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقتۇق. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، شۇنداقلا ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، ئىستىقبالى پارلاق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەھنىلەردە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەمكارلىق ئاساسى گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ھەم ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن رايون چوڭ بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.

مىشۇستىن پۇتىننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 3 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، رۇسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى ھەم ئالاقىدار ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، چىن گاڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش