دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىسىملىكى شىنجاڭنىڭ قەغەز مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا سېتىلدى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى تەدرىجىي تەرتىپلىك كۆپەيتىلدى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - ، 3 - لىنىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوبۇل قىلغان تەبىئىي گاز 430 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز سۇغىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەمىنلىگەن سۇ 8 مىليارد 230 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يولداش بورھان قاھار قاتارلىقلارنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ۋىلايىتىمىز 17 مىليون يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى سىمىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-23 11:20:39

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېسلېي سىمىناغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مىكرونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 34 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت ئېلىپ كەلدى. زۇڭتۇڭ سىمىنا ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - مىكرونېزىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئېيتىمەن. مەن جۇڭگو - مىكرونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىمىنا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىكرونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش