دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى» كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ 32 ـ نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 11:05:02

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى − سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمانغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 32 ـ نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ جىددەدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇزاقتىن بۇيان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا داۋاملىق يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. سەئۇدى ئەرەبىستانى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق رىشتى مىڭ يىلدىن ھالقىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر 12 ـ ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى رىيادتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى، بۇ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئابىدە. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش