شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياكوف مىلاتوۋىچقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مونتېنېگرونىڭ زۇڭتۇڭلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مونتېنېگرو باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو بىلەن مونتېنېگرو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىلاتوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.