دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

«ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىمىز» بار دەپ ئېلان قىلغان كارخانىغا 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-05-25 11:57:07

 كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىدا، دائىم سودىگەرلەرنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرى، ئۇقتۇرۇشلىرىغا «ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ×غا تەۋە»، «× ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ قويغانلىقىنى ئۇچرىتىدۇ. سودىگەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مۇخبىرنىڭ يېقىندا خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شەھەردىكى بىر كارخانا ئەندىزىلىك ماددىلاردا «ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بۇ شىركەتكە تەۋە» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا چىنخۇاڭداۋدىكى مەلۇم ساغلاملىق باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئۆزى تەمىنلىگەن «× ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېس قىلىش كارتىسى 299 يۈەنلىك قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ ھېس قىلىش» ھۆسن تۈزەش تۈرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە «ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بۇ شىركەتكە تەۋە» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ شىركەتكە قانۇن بويىچە جازا بېرىشنى قارار قىلدى.

  چىنخۇاڭداۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى جازالاش چارىسى»نىڭ 12- ماددىسىنىڭ (6)- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا كىرىدۇ. «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى جازالاش چارىسى»نىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، «خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەمۇرىي جازا ئۆلچەش ھوقۇقىنى تەتبىقلاش قائىدىسى»نىڭ 14- ماددىسىنىڭ (1) - تارمىقى، 15- ماددىسىنىڭ (2) - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جەرىمانە قويۇش، ئالاقىدارلارنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش ھەم 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جازالاش تۈرلىرى قوللىنىلىدۇ.

  ئەندىزىلىك ماددىلار يەنە ئەندىزىلىك توختام دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالاقىدارلار تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان ھەم توختام تۈزۈشتە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلتۇر 9- ئايدا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار ئۆمىكىدىكى ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان داۋالاش- ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى بەش چوڭ ئادىل بولمىغان ئەندىزىلىك ماددىنى باھالاتقۇزدى، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بەلگىلىگەن ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ ئادۋوكاتى مۇنداق قارىدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 498- ماددىسىدا ئەندىزىلىك ماددىلارنى چۈشىنىشتە تالاش- تارتىش كېلىپ چىقسا، ئادەتتىكى چۈشەنچە بويىچە چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىنى ئىككى خىلدىن ئارتۇق چۈشەندۈرگىلى بولسا، ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپكە پايدىسىز چۈشەندۈرۈشنى تاللاش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىلار بىلەن ئەندىزىسىز ماددىلار بىردەك بولمىسا، ئەندىزىسىز ماددىلارنى قوللىنىش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھىرىدىكى جۇڭۋېن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى لى بىن مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىركىتىمىزگە تەۋە»دىن باشقا، يەنە بىر قىسىم بەلگىلىمىلەر ئەندىزىلىك ماددا، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانىدا كۆرۈلسە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن، بۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇش، زىياننى تۆلىتىش ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ۋە باشقا مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى چەتكە قېقىش ياكى چەكلەش؛ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش، دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى چەتكە قېقىش ياكى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «بۇنىڭدىن باشقا، ئىستېمالچىلارنى ئۆزى تەمىنلىگەن ياكى ئۆزى كۆرسەتكەن تىجارەتچى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرلاش، ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق شەرتىنى قوبۇل قىلمىغان ئىستېمالچىلارنى مۇناسىپ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش، ياكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش؛ تىجارەتچىلەرنىڭ توختامنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلەش، ئىستېمالچىلارنىڭ توختامنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ.» دېدى لى بىن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش