دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

​يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-08 11:23:57

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ھەم باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ياخشى بازار مۇھىتى ۋە قانۇنچىللىق مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىق ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، يېقىن، پاك بولغان يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىشى كېرەك؛ بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى دادىل ئىشلەش، پۇقراۋى كارخانىلارنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چەت ئەل كارخانىلىرىنى دادىل مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى داۋاملىق تۈردە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، سىجىل نازارەت قىلىش، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى تىجارەت سۇبيېكتلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار نىزام - قائىدىلەرنى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغدىشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: كارخانىچىلار ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى بىلەن ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد رايونى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق رايون يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، رايونلار ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازاردا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى تىرىشىپ كۈچلۈك بولغان يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

توختى ياقۇپ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش