دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

شەخسىي ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە بېرىپ ھادىسە يۈزبەرسە، ئاپتوموبىل ئىگىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-04-19 15:39:24

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ،  ئىختىيارىي مۇخبىر رۇڭ شياۋفاڭ

  شەخسىي ئاپتوموبىلنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىپ ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش ھەققىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقتى.

  2022- يىلى، جاڭ سەن ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لى سى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىر ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقماقچى بولدى.

  لى سى ۋاڭ ۋۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ۋاڭ ۋۇنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى كۈنىگە 700 يۈەندىن ئىجارىگە ئالدى ھەم «ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش توختامى» ئىمزالىدى، ئارقىدىنلا ئاپتوموبىلنى كۈنىگە 1200 يۈەندىن جاڭ سەنگە ئىجارىگە بەردى. كىم بىلسۇن، جاڭ سەن يولدا كېتىۋاتقاندا يولنى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن، ئاپتوموبىل يانغا تېيىلىپ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ يول بويىدىكى دەرەخكە سوقۇلۇپ، ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى.

  ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، لى سى جاڭ سەنگە ئاپتوموبىلنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇرۇشنى ئېيتتى ھەم جاڭ سەنگە ئەگەر سۇغۇرتا شىركىتى سورىسا، دوستۇمنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئالغان دېگىن دەپ ئەسكەرتتى، لېكىن لى سى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سۇغۇرتىنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بولدىمىكىن دەپ گۇمانلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، سۇغۇرتا شىركىتىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشنى تاللىدى.

  ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋاڭ ۋۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇنداق جاۋابىغا ئېرىشتى: ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ خەتەر دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان، شۇڭا يۈزبەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىگە تۆلەم بېرىلمەيدۇ.

  ۋاڭ ۋۇ 110 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل رېمونت ھەققىنى ئۆزى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئىشتىن كېيىن، ۋاڭ ۋۇ لى سى بىلەن جاڭ سەننى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئىككىسىدىن رېمونت ھەققى ھەم ئاپتوموبىل زىيىنى ئۈچۈن 220 مىڭ يۈەن تۆلەشنى تەلەپ قىلدى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىدى: توختامنىڭ نىسپىيلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن، لى سى ئاپتوموبىل رېمونت خىراجىتى ۋە ئاپتوموبىل قىممىتى زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاڭ ۋۇنىڭ ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە بېرىشى گەرچە قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا پايدىسىز، ئۇنىڭ ئۆزىدە مەلۇم خاتالىق بار.

  2022- يىلى 9- ئايدا، سوت مەھكىمىسى: ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋاڭ ۋۇ %30 جاۋابكارلىقنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، لى سى زىياننىڭ %70ىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

  دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، لى سى قايىل بولماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى. يېقىندا، بۇ سوت مەھكىمىسى ئىككىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى. (ماقالىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)

  سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

   ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ساياھەتكە چىقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەيلى ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىشتە بولسۇن ياكى ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىشتا بولسۇن، ئىمكانقەدەر مۇنتىزىم سۇپىنى تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، توختام ئىمزالىغاندا توختام مەزمۇنىنى تەپسىلىي بىلىپ، ئۆلچەملىك ئىمزالاش كېرەك. ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىمۇ قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سەمىمىي، قانۇنغا رىئايە قىلغان ھالدا تىجارەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش