ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
كۆپچىلىك شۇنى بايقىغان بۇلىشى مۇمكىن، ئاياللارنىڭ تېنى ھەمىشە خۇشپۇراق پۇرايدۇ، بەلكىم ئاياللار ئۆزىدىكى خۇشپۇراقنى ئۆزى پۇرىيالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئاياللارنىڭ يېنىغا كەلگەن ياكى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا ھامان بۇ خۇشپۇراق دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ. بەزىلەر بۇ پۇراقنى سۈتنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاتسا، بەزىلەر كوكۇسنىڭ پۇرىقىغا ئوخشىتىدۇ، ئاياللار نېمىشقا بۇنچە خۇشپۇراق پۇرايدۇ؟ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ تەبىئىي مەززىلىك پۇراق زادى قانداق پەيدا بولغان؟
«خۇشپۇراقلىق مەلىكىلەر» زادى قانداق «سېھىر»نى ئىشقا سالدى؟
ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى پۇراق ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى تەبىئىي پۇراق، يەنە بىرى غەيرىي تەبىئىي پۇراق. ئۇنداق بولسا بىز ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئىي پۇراقنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.
ھەربىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە پۇراق بولىدۇ، چۈنكى پۇراقمۇ مېتابولىزمنىڭ مەھسۇلى، لېكىن ئۇنىڭ خۇشپۇراق بۇلىشى ياكى بەتبۇي بولۇشى ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىدۇ. پۇراق ئاساسلىقى تېرە، ھەزىم قىلىش يولى، نەپەسلىنىش يولىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇندىن تارقالغان بولۇپ، 1200 خىلدىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا پۇراق ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چىققان پۇراقمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمى بىلەن پۇراققا نىسبەتەن ياخشى كۆرۈشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر كۈچلۈكرەك پۇراقنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى كىشىلەر بولسا بۇ خىل پۇراقلارنى غەيرىي پۇراق ياكى بەتبۇي پۇراق دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمۇ بىر ئادەمنىڭ خۇشپۇراق ياكى بەتبۇي پۇراق چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆكتات، مېۋە-چېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەن پۇرىقى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئۇن تامىقى، گۈرۈچ ئېشى، گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەن پۇرىقى بىر قەدەر ناچار بولىدىكەن. شۇڭا ئەگەر ئۆزىنىڭ بەدىنىدە خۇش پۇراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك ئىكەن.
ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى پۇراق تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، چەت ئەل داشۆلىرىدە بىر تەجرىبە ئىشلەنگەن بولۇپ، 50 نەپەر ئايال كىيگەن كىيىملەرنىڭ ئىچىدىن خۇشبۇي پۇراق پۇرايدىغان ئايالنىڭ كىيىمنى تاللاپ چىققان. نەتىجىدە، تاللانغان كىيىملەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقى بايقالغان بولۇپ، ئەرلەرمۇ ئادەتتە بۇ پۇراققا بىر قەدەر سەزگۈر بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللار تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ئالاھىدە فېرومون قويۇپ بېرىپ، يات جىنستىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن، بۇ نۇقتا ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ ئوخشاش ھادىسە بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ھەممىسى كۆپىيىش ئۈچۈندۇر.
ئەمدى تەبىئىي بولمىغان پۇراققا كەلسەك، تەبىئىي بولمىغان پۇراقنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ، ئاياللار ئادەتتە سېتىۋالغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇرىقى بار. بۇلارنى ئىشلەتكەندە ھەر كۈنى بەدىنىڭىزدىن خۇشپۇراق تارقىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئىشلىتىپ يېنىڭىزدىن ئۆتكەندە تارقاتقان پۇراق مەلۇم خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئاياللار سىرتقا چىققاندا قۇلىقىنىڭ كەينىگە، بېغىشىغا ئەتىر چېچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، گەرچە چاچقان ئەتىرنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن يېنىڭىزدىن ئۆتكەندە خۇشبۇي پۇراقنىڭ تاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. چىققان تەرمۇ بىر خىل مەززىلىك پۇرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەندىكى ئەتىر پۇرىقى نەچچە سائەتكىچە كەتمەيدۇ.
ھازىر ئاياللارنىڭ بەدىنىدە نېمە ئۈچۈن تەبىئىي خۇشپۇراقنىڭ تارقىلدىغانلىقىنى چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خۇش پۇراق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەنلىكتىن بولىدۇ. تەبىئىي خۇشبۇي تەن پۇرىقى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي سۇسلىشىپ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن سىز داۋاملىق پۇراقلىق مەھسۇلاتلارنى ئىزچىل ئىشلەتسىڭىزلا، بەدىنىڭىزدىكى خۇشبۇي بەدەن پۇرىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر بەدىنىڭىزدە مەززىلىك خۇشبۇي پۇراق بولمىسا، بۇنىڭغا ئازابلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەزى ئاياللارنىڭ بۇرۇنى پۇراققا بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، بەك پۇراقلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پات-پات يۇيۇنۇپ، ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئارقىلىق ساغلام بولۇپ، چىشنى ئەستايىدىل چوتكىلىسىلا، بەدەندىكى سېسىق پۇراقنىڭ پەيدا بۇلىشىنى ئالدىن ئالغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، قىزلاردىن كىشىنى مەست قىلىدىغان پۇراق ھەمىشە تارقىلىپ تۇرسا، قىز-ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى، لاتاپىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەگەر بۇ خىل پۇراقلار سىزدە بولمىسا ھەرگىز غەلىتىلىك ھېس قىلىپ كۆڭلىڭىزنى بىئارام قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش