ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
بىر كۈن ئىچىدە، بۇ ئۈچ ۋاقىت بۆلىكىدە ناھايىتى ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ، يەنىلا بالدۇرراق بىلگەن ياخشى!
1. ئەتىگەن سائەت 7 دىن 9 غىچە
ئەمەلىيەتتە، ئەتىگەن سائەت 7 دىن 9 غىچە بولغان بۇ مەزگىلدە، ناشتا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ناشتىلىققا سەل قارايدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاشقازان، ئۈچەيگە ئىنتايىن ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئېنېرگىيە يېتىشمەي، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەگەر ئەتىگەندە ناشتا قىلمىسا، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن چۈشتە كۆپ يېسە، ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.
2. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بىز سائەت 12 ئەتراپىدا چۈشلۈك تاماق يېيىشىمىز كېرەك، شۇڭا سائەت 10 دىن 11 گىچە بولغان ئارىلىقتا، بەزىلەر قورسىقى ئاچسا، بىر نەرسە يېمەي تۇرالمايدۇ، شۇڭا بۇ باسقۇچتا ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا بىر نەرسە يېگەندە ئاسانلا ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قورسىقىڭىز ئاچسا، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ، بۇنداق بولغاندا سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق.
3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن
ئەمەلىيەتتە، خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا كۆپرەك بىر نەرسە يەيدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېسە، ناھايىتى ئاسانلا بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈپ سەمرىتىۋېتىدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىغا ئاز قالغان بولىدۇ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تۆۋەن، يەنە كېلىپ ياغنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىدا پەرق بار، بىلىش كېرەككى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېسە، ئېنېرگىيە تولۇق ھەزىم بولماي، ئادەم بەدىنىنىڭ سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش