ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
ئاياللار ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئۆزىنى سۆيۈشى كېرەك، بۇ شورپىنى ھەر كۈنى بىر قاچا ئىچىپ بەرسىڭىز، تېرىنى سىلىقلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
مەنمۇ بىر ئايال، مەن ئايال بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، ئاياللار قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمەن. لېكىن، ئاياللار ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئۆزىنى سۆيۈشى، ساغلام بەدەن، گۈزەل رۇخسارىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
ئاپام 50 ياشتىن ئاشتى، لېكىن ئۇ خېلى ياش كۆرىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە چىلان يەيدۇ، ئۇ دائىم «ئاياللار رەڭگى- رويىم ياخشى بولسۇن دېسە چىلان يېيىشى كېرەك، چىلان قان قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ» دەيدۇ. ئۇ يەنە دائىم بىر شورپىنى ئىچىدۇ، مېنىڭچە، ئاپامنىڭ ياش تۇرۇشى مۇشۇ شورپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈن مەن بۇ شورپىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
ئاق ساڭراۋ قۇلاق تەبىئىي قۇۋۋەت بۇيۇمى بولۇپ، قەدىمكى زاماندا پەقەت پۇلى بار كىشىلەرلا ئاق ساڭراۋ قۇلاقنى يېيەلەيتتى ھەمدە ئۇنى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان بۇيۇم دەپ قارايتتى. ھازىر ئاق ساڭراۋ قۇلاقنىڭ باھاسى ئانچە ئەرزان ئەمەس، لېكىن ئۇ يېنىك بولغاچقا، باھاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئاق ساڭراۋ قۇلاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار، ئاياللار دائىم ئاق ساڭراۋ قۇلاقنى يەپ بەرسە ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەمى ۋە ئۈنۈمى قارلىغاچ ئۇۋىسى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن باھاسى قارلىغاچ ئۇۋىسىدىن كۆپ ئەرزان.
چىلان، ئاق ساڭراۋ قۇلاق شورپىسى
ماتېرىيال: ئالمىدىن بىر تال، ئالقاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا، چىلاندىن سەككىز تال، ئاق ساڭراۋ قۇلاق، ناۋاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
[ئېتىش قەدەم باسقۇچلىرى]:
1. ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، چىلان ۋە ئالقاتنى سۇغا بىر نەچچە مىنۇت چىلاپ قويىمىز. ناۋاتنىڭ مىقدارىنى ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرىشىمىزغا ئاساسەن بېكىتسەك بولىدۇ، تاتلىقراق بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپرەك سالسا بولىدۇ. ئاق ساڭراۋ قۇلاقنى سۇغا چىلاپ قويىمىز.
2. ئالمىنى ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز، ئوكسىدلىنىشتىن قورقساق، ئۈستىگە ئازراق قۇرۇق كراخمال سىپىلەپ قويساق بولىدۇ، بۇنداق قىلساق ئالما ھاۋا بىلەن ئۇچراشمايدۇ، ئوكسىدلىنىپ قارىداپ قىلىشىدىن قورقمىساقمۇ بولىدۇ.
3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، ئاندىن ئاق ساڭراۋ قۇلاقنى سالىمىز.
4. ئاندىن چىلاننى سېلىپ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىمىز.
5. قايناپ بولغاندىن كېيىن، توغرىۋالغان ئالمىنى سېلىپ، سۇس ئوتتا 20 مىنۇت قاينىتىمىز.
6. 20 مىنۇتتىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سېلىپ، ئاندىن تاكى ناۋات پۈتۈنلەي ئېرىگەنگە قەدەر قاينىتىمىز.
7. شورپا بارغانسېرى قويۇقلاشقاندا، ئازراق ئالقات سېلىپ، يەنە بىر مىنۇت دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
8. ئاندىن قاچىغا ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش