دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سەنئەتكارلار يىپەك يولىدا ئۇچراشتى، ئۇسسۇللار تىيانشاندا جەم بولدى جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئىران، قاتاردا زىيارەتتە بولدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايەت بۇ يىل 4 ـ قېتىم سانلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ۋىلايەت «بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى . ئانار دانىلىرى . سەبىي قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنۈش ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سەپىرى پائالىيىتى»نى قانات يايدۇردى ئالدىنقى يېرىم يىلدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغ 67 مىليارد يۈەندىن ئاشتى «شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى»نى تۈزۈش خىزمىتى باشلاندى «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پاكىستان دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ئانا سۈتىنىڭمۇ مىتال تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-07-24 17:40:04

 ھەممەيلەن ئانا سۈتىنى ئەڭ ساغلام بولغان بوۋاقلار يىمەكلىكى دەيدۇ، بىراق ھەر بىر قېتىم ئىمىتىلگەن ئانا سۈتىنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ ئەگەر ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ئېغىر مىتال تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئېغىر مىتال مىقدارىمۇ نورمىدىن ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەمگەن بالىغىمۇ زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
   ھازىر خەلقئارادا، ئادەتتە ئانا سۈتىنى بوۋاقلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان يىمەكلىك دەپ قارايدۇ. بىراق مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىشغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئاياللار ئۆزىنىڭ بەزىبىر ئادەتلىرى ياكى يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن، بەدىنىدىكى ئېغىر مىتال تەركىبىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئېغىر مىتاللار مىقدارىمۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىپ، بوۋاققا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى خىلدىكى ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئانىلار، ئېغىر مىتال تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك؟

02.png

تاماكا چىكىدىغانلار
   تاماكا، ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى نىكوتىننىڭ قۇيۇقلىقىنى ئاشۇرۋىتىپلا قالماي، بالىنىڭ نىرۋا سېستىمىسىغىمۇ غىدىقلاش پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېغىر مىتال ھىسابلىنىدىغان قوغۇشۇن تەركىبىمۇ ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كىتىپ، بالىلار قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان نىرىپ زەخمىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئەگەر ساغلام بىر بوۋاققا ئىرىشەي دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان مەزگىلدىن تارتىپ، ئەر-خوتۇن ھەر ئىككەيلەن تاماكا چىكىشنى تاشلىشى كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدارلىق ۋە يىڭى تۇغۇتلۇق مەزگىلىدىكى ئاياللار سىرتلارغا چىققاندا، ئەڭ ياخشىسى ماسكا تارتىۋىلىپ، باشقىلارنىڭ چەككەن تاماكىسىنىڭ ئىسىنى سۈمۈرۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك.

03.png

ھەمىشە دېڭىز ۋە دەريا مەھسۇلاتلىرى يىيىشنى ياخشى كۆرىغانلار
   نۇرغۇن ئاياللار بەلكىم ئاڭلاپ باققان، بېلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە، DHAماددىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسى زور. بىراق، ھازىر نۇرغۇنلىغان سۇ رايونلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە سىمابتا بۇلغىنىش ئەھۋالى بار بولۇپ، ئەگەر ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئايال ئىستىمال قىلغان دېڭىز ۋە دەريا مەھسۇلاتلىرى بۇ سۇ رايونىدىن كەلگەن بولسا، بەدەندىكى سىماپ ماددىسىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىمىتىدىغان بالىسىغىمۇ زور زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە، مۇۋاپىق تۈردە بەزىبىر سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ھەقىقەتەن بالا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ DHA تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ؛ بىراق لايىقىدا بولۇشقا ۋە پاكىزە سۇ رايونلىرىدىن كەلگەن بولۇشىغا دىققەت قىلىش كىرەك.

04.png

ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە ھەمىشە گىرىم قىلىدىغان ۋە چېچىنى بۇيايدىغانلار
   ھازىرقى گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چاچ بوياقلىرىدا،  ئادەتتە بەزىبىر ئېغىر مىتال ئىلمىنتلىرى بار بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە ھەمىشە گىرىم قىلىپ چاچ بوياتقاندا، تەركىبىدىكى ئېغىر مىتاللار ئاسانلا ئاجىز تىرىدىن ئۆتۈپ، قانغا سىڭىپ كىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بەدەندىكى ئېغىر مىتال تەركىبىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھامىلدارلىق ۋە بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ئاياللار ئەڭ ياخشىسى گىرىم قىلىش ۋە چاچ بويىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىشى، ھەتتا ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى كىرەك؛ خىزمەت ئىھتىياجى سەۋەبىدىن گىرىم قىلىش كىرەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئامال بار ئېغىر مىتال تەركىبى بار گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.

05.png

خىزمەت جەريانىدا ھەمىشە قوغۇشۇنلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىدىغانلار
   قوغۇشۇن، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل سانائەت مىتال ئىلمىنتى، شۇڭا، بەزى ئاياللار خىزمەت جەريانىدا، ھەمىشە قوغۇشۇنغا ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوغۇشۇن مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور؛ ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە نىرۋا سېستىمىسىغا بولغان زىينى بىرقەدەر چوڭ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايال، بۇ خىل خىزمەت مۇھىتى ياكى تۇرمۇش مۇھىتىدىن ئىمكان قەدەر بالدۇرراق ئايرىلىشى كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەك چارچاپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ، ساغلام بولغان جىسمانىيەت ۋە روھىيەت بىلەن يىڭى ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كىلىشىنى كۈتىۋىلىش كىرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش