دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

تىرىسىنى ئاق ساقلىيالىغان ئاياللارنىڭ بۇ تۆت خىل ئادىتى بار
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-05-26 13:22:06

بىز ھەمىشە، "بىر ئاقلىق بارلىق ئەيىبلەرنى ياپىدۇ" دىگەن گەپنى ئاڭلايمىز؛ شۇڭا، مۇتلەق كۆپ قىسىم قىزلار، ئۆزىنىڭ تىرىسىنىڭ سۈتتەك ئاپئاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، تىرىنىڭ ئاق بولۇشى ئۈچۈن، بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم بولۇپ، تۇغۇلما تىرە رەڭگى ئۇنچە ئاق بولۇپ كەتمىگەن خانىم-قىزلارمۇ، كىيىنكى مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق، تىرىسىنى ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيدۇ. ئادەتتە، تىرىسى بارغانسىرى ئاقىرىپ كىتىپ بارغان خانىم-قىزلارنىڭ، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئادىتى بار.

09.png

ۋىيتامىن تەركىبى مول بولغان مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ
   ئادەتتە، ھەرخىل تىرە ئاقارتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش، سىرتقى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇندىن باشقا، ئىچكى جەھەتتىن تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەگەر بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ۋىيتامىن تەركىبى مول بولغان مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، تىرىمىزنى تېخىمۇ ئاق قىلغاندىن باشقا، يەنە بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. گەرچە ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما بەلگىلىك رول ئوينايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر مىۋە-كۆكتات ئىستىمال قىلمىساق، تىرىمىزنىڭ ئاق بولۇشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

01.png

تىرىگە سۇ تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش
   ئەگەر تىرىدە سۇ كەمچىل بولسا، تىرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ ئۆڭۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا، يەنە تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنىمۇ تىزلىتىپ، ھەرخىل قورۇقچىلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، تىرىگە سۇ تۇلۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ قىش پەسىلىدە تىرىگە سۇ تۇلۇقلاش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئەتىگەنلىك كەچلىك نەملىك ساقلاش ۋە كۈن ئاتلاپ سۇتۇلۇقلاش يۈز چاپلىقى چاپلاش كەم بولسا بولمايدۇ.

02.png

ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش
   ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش، ھەربىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ بىز ياز كۈنلىرى ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، باشقا پەسىللەردىمۇ ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كىرەك. شۇڭا، ئادەتتە سىرتقا چىققاندا، ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈش كەم قالسا بولمايدۇ. چۈنكى، قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى، بىزنىڭ تىرىمىزنى قارايتىپلا قالماي، يەنە تىرىنىڭ قېرىپ كىتىش سۈرئىتىنىمۇ تىزلەشتۈرۋىتىدۇ.

03.png

ئوكسىگىنلىك ھەرىكەتلىنىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق
    بەدەن شەكلىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كۈندە ئازدۇر-كۆپتۇر ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىش ئېلىپ بېرىش، خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇنىڭدا، بەدەن شەكلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشقىلا بولماي، يەنە بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى تىزلىتىپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدا، تىرىمىز تەبىئيلا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش