دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدىكىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن قانداق جۇڭيى دورىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-01-10 11:56:52

  گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 2023- يىل 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، گۇاڭجوۋ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ جۇڭدې ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدىكىلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئۈچۈن جۇڭيى دورىلىرىنى قانداق تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تونۇشتۇردى.

  ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، دەسلەپكى باسقۇچىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى يېنىك ۋاقىتتا، ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بالدۇر ئارىلىشىش، پۈتۈن جەرياندا ئارىلىشىشتىن ئىبارەت، چوقۇم دەسلەپكى باسقۇچىدىلا ئارىلىشىش كېرەك، ياشانغانلاردا سوغۇقتىن قورقۇش، باش ئاغرىش، قىزىش ياكى ئاشقازان- ئۈچەي ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، دورىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشقا تەرەققىي قىلىشىنى توسۇش بۇنداق ئەھۋاللارغا ئارىلىشىشتىكى بىرىنچى پىرىنسىپ، شۇڭا ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلاپ كەتمەسلىكىگە كۈچلۈك ئارىلىشىش كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسا، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئاساسلىقى ھۆل سوغۇقلۇقى ئارتىپ كەتكەن بولسا، سوغۇقنى ھەيدەپ زەھەرنى قايتۇرۇش كېرەك. ئەگەر بۇ كېسەلدە تاشقى ۋە ئىچكى ھۆللۈك ئاساس بولۇپ، ئاساسلىقى ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، ھۆللۈكنى يوقىتىپ زەھەر قايتۇرۇش كېرەك، ئەگەر ئاساسلىقى دېمى سىقىلىپ، مەيدىسى چىڭقىلغان بولسا، ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش كېرەك. بۇ ئۈچ خىل پەرققە ئاساسەن «ئۈچ دورا، ئۈچ رېتسېپ»نى تاللاپ، ھۆللۈكنى يوقىتىپ زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاپ زەھەرنى قايتۇرۇش كېرەك، بۇ ئۈچ رېتسېپ ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى توسىدىغان ناھايىتى ياخشى دورا. تېخىمۇ مۇھىمى، ياشانغان بىمارلارنىڭ ماھىيىتى تېنى ئاجىزلىقتىن بولغان كېسەلدۇر، شۇڭا بۇ جەرياندا، چوقۇم پۈتۈن جەرياندا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئامىللارنى يوقىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆپكىنى تازىلاپ زەھەرنى ھەيدەش شورپىسى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ يەنە «ئۈچ دورا، ئۈچ رېتسېپ» بار، يەنە دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر قىسىم تەييار جۇڭيى دورىلىرى بار. ئەگەر يۇقىرى قىزىتما يانمايدىغان، دېمى سىقىلىپ بىئارام بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال كەسپىي دوختۇرخانىغا بېرىپ، كەسپىي دوختۇرلارغا داۋالىتىش كېرەك.

  جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بالىلار كېسەللىكلىرى جەھەتتە، بولۇپمۇ سىرتقى سېزىم كېسەللىكلەر جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى قاتمىغان، ئىنتايىن نازۇك بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، گۇاڭدۇڭدا قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بالىلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، چاكاندا- ئۆرۈك مېغىزى- گەج- چۈچۈكبۇيا قايناتما دورىسى ۋە يىنچياۋسەن ئارقىلىق بالىلارنىڭ زەھەر قايتۇرۇش رېتسېپى تەييارلاندى، بۇنىڭدا كۆپ ساندىكى بىمارنىڭ 24 سائەت، 36 سائەت ئىچىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ئازراق يۆتەل قالغاندىن باشقا، ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كەتتى. لېكىن بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغاچقا، ئەگەر يۇقىرى قىزىتمىسى داۋاملاشسا ھەمدە بەزى تارتىشىپ قېلىش، چۆچۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. بالىلارنىڭ كېسىلى تېز قوزغىلىپ، تېز ئوڭشىلىدۇ، شۇڭا بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىچىدە ھامىلىدار ئايال ياكى ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلار ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، بىز ھامىلىدار ئاياللاردىكى خەتەرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالىغاندا، يۇقىرى قىزىتما، قاتتىق يۆتىلىش، قەۋزىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاشتا جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى دورا قامۇسىدا خاتىرىلەنگەن ھامىلىدار ئاياللارغا، ھامىلىگە تەسىرى يوق دورىلار ھازىرمۇ كەڭ كۆلەمدە تاللاپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر قىزىتمىسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىۋېلىپ يانمىسا ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللار بۇ جۇڭيى دورىلىرىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچسە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى شى يىڭچۇن، ليۇ تىڭيۈ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش