ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىنتايىن ئالاھىدە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئەمدىلا چىققان بولغاچقا، سىرتقى دۇنياغا ئانچە ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ، بۇ مەزگىلدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئالاھىدە تېز بولىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەر قانداق ئېھتىياجىنى پەقەت يىغلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار چوقۇم كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك.
ئۇنداقتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىشتا قايسى ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك؟
1. تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى ئېمىتىش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئېمىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى بالدۇرراق ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە توپىنى تېخىمۇ تېز بەرپا قىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھامىلە تەرىتىنى چىقىرىشىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، سېرىقلىق چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2. سۈيدۈك لاتىسىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەرەت قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك تەرەت قېتىم سانى ھەر كۈنى 6~10 قېتىمغا يېتىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان ئاتا-ئانىلار چوقۇم سۈيدۈك لاتىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئالاھىدە نازۇك بولۇپ، سۈيدۈك تېرىنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا سۈيدۈك لاتىسىنى ھەر ۋاقىت ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
3. ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەش كېرەك، بۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالدۇر تۇغۇلۇپ قالسا ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىگىلى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئەملەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
4. كىندىك بېغىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغىنى پاختا پەلكۈچ ۋە يود-ۋولت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن-كەچتە بىر قېتىمدىن قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، بۇ مەزگىلدە بالىلارنى يۇيغاندا دىققەت قىلىش، ئامال بار كىندىك بېغىنىڭ ئورنىنى سۇغا تەگكۈزمەسلىك كېرەك، يەنە سۈيدۈك لاتىسىنىڭ كىندىك بېغىغا تېگىپ كېتىشتىن، سۈركىلىشتىن كېلىپ چىققان قاناش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىندىك بېغى 7~14 كۈن ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
5. ۋىتامىن AD تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 15 كۈن ئەتراپىدا ۋىتامىن ADنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك، ۋىتامىن D كالتسىينىڭ ئۈچەي يولىدىكى سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا راخىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ۋىتامىن A كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋىتامىن ADنى مۇۋاپىق تولۇقلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 20~30 سانتىمېتىر ئارىلىقنى كۆرەلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاق-قارا ئارىلاشقان بەزى كارتىلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بەزى ئاق-قارا كارتىلارنى تەييارلاپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىنى غىدىقلىشى كېرەك، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۇ ۋاقىتتا ئاق-قارا كارتىلارنى كۆپرەك كۆرسە بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئاڭلىق ھالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىلەن بىللە ئوينىسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغىغىلى بولىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش