ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، «ئۆركەشلەپ ئاققان سۇ شاڭخەيگە قۇيۇلدى . يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت شەرقتە چاقنىدى» تېمىسىدىكى 2023 ـ يىللىق ئاقسۇ ۋىلايىتى ــ شاڭخەينىڭ كاپىتال بازىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.
ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئاقسۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كەلگەن دوستلارغا، شۇنداقلا شاڭخەيدىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە بارغان ياشلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى پارلاق، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرى كۆپ، مەملىكەت بويىچە نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقى مول رايون، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختا ۋە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم بازىسى، شىنجاڭدىكى مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك خاس مېۋە ـ چېۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالتۇندەك تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
شاڭخەي مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ ئىلغار سودا ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئادەم ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى بۇ يەرگە توپلانغان، كەڭ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە. ۋۇ خۇڭجەن كارخانىچىلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاقسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، سۆھبەتلىشىش ـ كېڭىشىش، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. ئاقسۇنىڭ كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، ئاقسۇغا بارغان بارلىق كارخانىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، پۈتۈن زېھنى بىلەن تىجارەت قىلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبەت يىغىنىدا، ۋۇ خۇڭجەن پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ قىلغان پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز «ھۆكۈمەت، بانكا، كېپىللىك ئاپپاراتى، كارخانا»دىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە «مەبلەغ»ىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ زور دەرىجىدە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئېشىش زاپاس كۈچىنى نامايان قىلدۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
يىغىن مەزگىلىدە، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە يىنخې ئاكسىيەسى، جۇڭشىن ئاكسىيەسى بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. ۋىلايەتلىك يېشىل ئوقەتچىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى فوندى، رۇيفېڭ بىيو تېخنىكىسى بىلەن ئۈچ تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى جيا جىڭلېي، جۇڭشىن ئاكسىيەسى، يىنخې ئاكسىيەسى، گوجىن ئاكسىيەسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش