دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ــ شاڭخەي كەسىپلەر ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللىشىش يىغىنى شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
​نەق مەيداندا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 10 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 11:40:33

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، «پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاش» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ــ شاڭخەي كەسىپلەر ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللىشىش يىغىنى شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن تۆت كەسىپ تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاندى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 10 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە يەتتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن ئۇدۇللىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى ئۇدۇللىشىش يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەر ساھە زاتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئاقسۇغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ ۋە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي بىلەن ئاقسۇنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. ئاقسۇنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرىگە چېگرا رايونغا ياردەمگە بارغان پېشقەدەم بىر ئەۋلاد شاڭخەي ياشلىرىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى سىڭگەن، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ.

ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرغاچقا، يېتەكلىگەچكە، ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئوقۇشقا، داۋالىنىشقا، كۈتۈنۈشكە، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى، تاغ ـ دەريالىرى گۈزەل، بايلىقى مول، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئىستىقبالى پارلاق.

ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەپ، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم، زور سىياسەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بىز كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، مەۋقەنى ۋىلايىتىمىزنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئاشلىق قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەڭ ياخشى قوبۇل قىلىش بازىسى، شىنجاڭ بويىچە ئېنېرگىيە، بايلىق كەسپىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات بازىسى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپلەر بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتۇق. قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي كاپالەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىچىلار بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدۇق.

ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق دېدى: كارخانىچىلارنىڭ كەسىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللاپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز «ئېچىۋېتىلگەن، سەمىمىي بولۇش، ۋەدىسىدە تۇرۇش» ھالىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، كارخانىچىلارنى ئائىلىمىزدىكىلەردەك كۆرۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىدەك بىلىپ، ۋىلايىتىمىزگە ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش، تەرەققىي قىلىشىنى ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت ۋە ئەڭ چوڭ مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت، تېخىمۇ ئازادە مۇھىت ئارقىلىق كارخانىچىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئۇدۇللىشىش يىغىنىدا، ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن جيا جىڭلېي، ۋاڭ لۇجۈن، شۆ جيەنچياڭ ۋە ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار، كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سودىگەر چاقىرىش، مەھسۇلات تۈرلىرى، ساياھەتچىلىك، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش