دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتنىڭ «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، جەم بولۇش ئۈستىدە توختىلىش» ۋەجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمى باشلاندى
مول ھوسۇل مەدھىيەلىنىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 11:39:08

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ماھىرە، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىڭ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، جەم بولۇش ئۈستىدە توختىلىش» ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ لوڭچۈەن كۆلى باغچىسىدا باشلاندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا ئورتاق چۆمۈپ، بايرامنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئورتاق تەقەززا بولدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم بايرامنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. 

باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئونسۇ ناھىيەسى، بىڭتۇەن 1ـ شى ئارال شەھىرى مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئىككى جاينىڭ ئارتىسلىرى ئېلىپ كەلگەن «تەنتەنە» ناملىق بەلدۇمباغ ئۇسسۇلى، «ئارالغا مۇھەببەت» ناملىق ئۇسسۇللۇق ناخشا، «غەلىبە تەنتەنىسى» ناملىق مۇزىكا، «ئانام جۇڭخۇا» ناملىق ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلاردا پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە، گۈزەل تۇرمۇشقا مەدھىيە ئوقۇلدى. نەق مەيداندىكى نومۇرلار ئىنتايىن سەرخىل، كەيپىيات قىزغىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدا مەدەنىيەت ئوزۇقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمى بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇنى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇردى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شۇنداقلا ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، شۇنداقلا بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاشتىن ئىبارەت.

ۋىلايەت بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىغا دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئاقسۇغا كېلىپ، ئاقسۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، ئاقسۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئاقسۇلۇقلار ئاقسۇنى ساياھەت قىلىش» ھەرىكىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇرتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، يۇرتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، يۇرتىنى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىيەت ـ سەنئەت ئىشلىرىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «توققۇز چوڭ ۋەزىپە»، «سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز ــ مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى 7900 مەيدان (قېتىم)دىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ـ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ يۈشۈەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش