دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتنىڭ 1 ـ نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 11:36:39

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىڭ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ) رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ، دۇمباق چېلىنىپ، ئەتراپ شادلىققا چۆمدى. 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ 1 ـ نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم ئوغۇللار A گۇرۇپپىسىنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ 1 ـ گۇرۇپپىسىغا بۇيرۇق بەردى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، بارلىق خادىملار دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، رېپىرلار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قەسەم بەردى. جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى، رەڭلىك بايراق چاسا ئەترىتى، دۇمباقچىلار ئەترىتى، رېپىرلار چاسا ئەترىتى ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ۋەكىللەر كوماندىسى، بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر كوماندىسى رەتلىك كىيىنىپ، شوئارنى جاراڭلىق توۋلاپ، مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن بىر ـ بىرلەپ مەيدانغا كىردى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغانلىقى جاكارلانغان پەيتتە، رەڭلىك تۈتەك قويۇپ بېرىلدى، 5000 كەپتەر ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا يۈزلىنىپ قانات قېقىپ، ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. 

ئارقىدىن، ئاقسۇ شەھەرلىك 4 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئونسۇ ناھىيەلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاقسۇ شەھەرلىك 15 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەر ئېلىپ كەلگەن «ئەنسەي بەل دۇمبىقى»، «يەلپۈگۈچ گۇمپىسى»، «ئەجدىھا ـ شىر ئۇسسۇلى»، «بىرلىكتە ئاتاكىغا ئۆتۈش» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بېرىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ شادلىق كەيپىياتىغا چۆمدۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، جۇشقۇن ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.

بۇ نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەمۇرىي مەھكىمە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇردى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ھەم ئاقسۇ شەھەرلىك، شايار ناھىيەلىك، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەنتەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن تەنتەربىيە مەيدانىغا چىقىپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىش، ساغلاملىقنى كۈچەيتىش، ئىرادىسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كوماندا يېتەكچىسى، تىرېنېر، تەنھەرىكەتچى، رېپىر بولۇپ 3350 كىشى قاتناشتى، ۋاسكېتبول، پۇتبول، ۋالىبول، يېنىك ئاتلېتىكا، خەلقئاراچە چېلىشىش، پەي توپ، جۇڭگوچە شاھماتتىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈر بويىچە 116 كىچىك تۈردە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانى ئاقسۇ شەھىرىدە، شۆبە مۇسابىقە مەيدانلىرى شايار ناھىيەسى بىلەن ئاۋات ناھىيەسىدە تەسىس قىلىندى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرى دىلمۇرات تۇرغۇن مۇنداق دېدى: باشلىنىش مۇراسىمىدا كۆرسىتىلگەن نومۇرلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن، تەنھەرىكەتچىلەرمۇ شۇنداق روھلۇق، جۇشقۇن ئىكەن، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن چاڭ يۈشۈەن، بورھان مەمەت قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش