دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىللىق 3 ـ يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 11:33:02

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ تاۋ خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى 2023 ـ يىلى 3 ـ قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، ۋىلايەتنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ 2023 ـ يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ۋىلايەت مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ۋىلايەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ 2023 ـ يىللىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «كىچىك بۆسۈش ئېغىزى»دىن قول سېلىپ «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئالاقىدار تارماقلار يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش پىكىر يولىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاشنىڭ نەتىجىلىرىنى سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇش، تۈر تۇرغۇزۇش، ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. مالىيە، باجنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەرز ئىشلىرى خەۋپ ـ خەتىرىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى تۈزەشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى پۇختا تۇتۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارماقلار مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت قاتنىشىشتەك ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى خىزمەت مېخانىزمى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قانۇن ـ نىزام، سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مېيىپلەرگە كۆيۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك. ۋەكىللەر پائالىيىتىنى خەۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى تىپلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىلغار ئىش ئىزلارنى تاللاپ، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ۋەكىللەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش