ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
(2023 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 3 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك قارار چىقىرىلدى:
بىرىنچى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشقا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئىككىنچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ روھىغا ئىگە ئوبراز، ئىلغار تىپ ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاقسۇ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ـ چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىقات ـ تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلارنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە ئېيى» قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر ئاينىڭ 16 ـ كۈنىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى «ئانار كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق يۈزلىنىشىنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات شارائىتى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنىڭ كىرىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، «يەتتە چوڭ بازا» بەرپا قىلىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى زورايتىشنى چۆرىدەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ باي ـ باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرادىكى ئاھالىلەرنى ئىتتىپاق، بەختلىك قىلىش، چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى سەپلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالاقە باغلاش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېمىسى روشەن، خاسلىققا ئىگە ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئۈلگە ئولتۇراق رايون، ئۈلگە كەنت ـ بازارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بەشىنچى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى سىياسىتى ۋە يەرلىك نىزام ـ تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان دېلو (ۋەقە)لارنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تىنچ ـ ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا، بىخ ھالىتىدە ھەقىقىي تۈگىتىش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ساقلاش كېرەك.
ئالتىنچى، ۋىلايەت بويىچە ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش جەھەتتە مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، ھەربىي (ساقچى) گازارما، دىنىي پائالىيەت سورۇنى، مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە (شەھەر) ۋە ئورۇنلارنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىناق ـ ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى، تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى)لار، ئاھالە (كەنت) كومىتېتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ـ تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مەزمۇنىنى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، كەنت قائىدىسى، كەنت ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان جەمئىيەت ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەر، شۇنداقلا تۈرلۈك يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى باشقۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، خەۋەرلىشىش، دوختۇرخانا، بانكا، ئايرودۇرۇم، بېكەت ـ ۋوگزال، مېھمانخانا قاتارلىق كۆزنەك ئورۇنلاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ـ تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئاڭلىق ھالدا قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئاتا ـ ئانىلار ياكى باشقا ھامىيلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىدىيەسى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ياخشى ئەخلاق ـ پەزىلەت ئارقىلىق ئېسىل ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يېڭىچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش