ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋەن دۇڭيۆ خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان باشلاش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل تېپىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ـ كەنتلەر ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بويىچە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلىرى»غا سىجىل ئەگىشىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتتىكى تەكلىپ ـ پىكىرلىرىنى كەڭ ئاڭلاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن سەككىز كىشى نۆۋەتتىكى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى جەريانىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سوئال سورىدى. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىلىرى قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىرمۇبىر جاۋاب بەردى ھەم كونكرېت ھەل قىلىش، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.
ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش