ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن
قىپقىزىل ئالما، چىلانلار؛ سارغىيىپ پىشقان نەشپۈت، پاقىراپ تۇرغان ياڭاقلار؛ قىزىل ئۈزۈم، شىنمېيلار... ئالتۇن كۈزدىكى 9 ـ ئايدا، دېھقانلارنىڭ ھەر خىل رەڭدىكى مېۋىلەرنى تىزغان تەخسىلىرىدىن تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېشىل مېۋە ـ كۆكتات كەسىپ توپىنى پائال بەرپا قىلىپ، باغ ـ ئورمانچىلىقنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىكلەشتۈرۈش، خاسلاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ باغۋەنلەرنىڭ «بەخت مېۋىسى»گە ئايلاندۇردى.
شاخلارغا لىق تولغان مېۋىلەر ۋاقتىدا يىغىۋېلىندى
ھازىر، دەل ياڭاق، نەشپۈت قاتارلىق خاس باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈش مەزگىلى. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبەبازار بازىرى قۇملۇقئېرىق كەنتى ئاھالىسى ئىلھام كېرەمنىڭ نەشپۈتلىكىدە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈزۈش، ئىلغاش، ئوراش، سېۋەتكە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئىلھام كېرەم مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنە مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. بۇ يىل 80 مو يەردىكى نەشپۈتكە كورلىلىق سودىگەر بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ بولدۇم.
ئىلھام كېرەم ئالدىراش نەشپۈت ئۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى نامات كەنتى ئاھالىسى ئايتۇرسۇن مامۇتمۇ بىكار تۇرمىدى، بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ياڭاق يىغىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئايتۇرسۇن مامۇت مۇنداق دېدى: ياڭاق پەرۋىشى مەزگىلىدە تېخنىك خادىملار يېتەكچىلىك قىلدى، يىغىش مەزگىلىدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياردەم قىلدى، مېنىڭ ياڭاقتىن قىلىدىغان كىرىمىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.
باغ ـ ئورمانچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ. ھازىر، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالما، نەشپۈت، چىلان قاتارلىق باغ ـ ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ مودا مۇقىملاشتى، بۇ يىل ھوسۇل ئېلىنىدىغان كۆلەمنىڭ 4 مىليون 355 مىڭ موغا، مېۋە ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 2 مىليون 620 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.
ئىنچىكە پىششىقلاپ مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرۇش
ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوماتىكلاشقان ئاقما لىنىيەلەردە نەپىس ئورالغان مېۋە مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلىنىۋاتاتتى، ئىشچىلار يەشىكلەرگە قاچىلاپ سىرتقا توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ، 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى مۇخبىر ئاقسۇ ۋېيجياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە كۆرگەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرە ئىدى.
بۇلتۇر، ئاقسۇ ۋېيجياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ۋىلايىتىمىزگە ماكانلىشىپ، ياڭاق قاتارلىق باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ شىركەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى دۇ سۈييىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر يىلى 2000 توننا ئەتراپىدا ياڭاق سېتىۋالىمىز، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ.
كارخانىنىڭ ماكانلىشىشى مېۋە ـ چېۋىلەرنى سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى باغۋەنچىلىك كەنتىدىكى باغۋەن جۇڭ مىڭلۈن بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا قۇرۇلدى، ياڭاقنى سېتىش يولى بار بولۇپلا قالماي، يەنە سېتىۋېلىش باھاسىمۇ يۇقىرى بولدى.
ئۆستۈرۈش كۆلىمى چوڭ بولۇش، ھوسۇل كۆپ بولۇش ــ ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس باغ ـ ئورمانچىلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك؟ ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى سىجىل چوڭقۇر يولغا قويۇپ، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ۋىلايىتىمىزگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، مېۋە ـ چېۋىلەرنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، خاس باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرەلەيدىغان بولۇش، ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇش، سېتىش يولى بار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
جىغان ۋىلايىتىمىز كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرغان بىر خىل كىچىك باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى جىغاننى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىگە تايىنىپ، شىنجاڭ دائېر بىيو پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جىغاننى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، جىغان شەربىتى، جىغان يېغى، جىغان بىرىكمە ئىچىملىكى قاتارلىق بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ جىغان ئۆستۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى بار بولدى، باغۋەنلەرنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپايدى. ھازىر ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردا، پىششىقلاش، ساقلاش، سېتىش تۈرىدىكى باغ ـ ئورمانچىلىق كارخانىسىدىن 214ى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 1026سى بار بولۇپ، مەھسۇلاتنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى تەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
مېۋە ـ چېۋىلەرنى سېتىش يولىغا ئىگە قىلىشنى ئويلىساق، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئاچقۇچتۇر. ۋىلايەت ئەلا سۈپەتلىك باغ ـ ئورمانچىلىق بازىسى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، خاس باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى، سۈپىتىنىڭ تەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى تاغارچى 1 ـ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەيسا مەمەت مۇنداق دېدى: كىشمىش ئۆرۈكلىرىم ناھايىتى ياخشى سېتىلدى. بۇ يىل ئىلمىي پەرۋىش قىلغاچقا، ئۆرۈكتىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.
قۇياش نۇرى يېتەرلىك، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، كۇچا كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ پوستى نېپىز، ئىتى قېلىن، تەمى تاتلىق. كۇچا شەھىرى كىشمىش ئۆرۈك ئۆستۈرۈش ئۈلگە بازىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش شەكلىدە بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، كىشمىش ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، ۋىلايەت 2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، «1 مىليون، 100 مىڭ، 10 مىڭ» بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى يەنى: 1 مىليون مولۇق ئەلا سۈپەتلىك باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي بازىسى، 100 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي بازىسى، 10 مىڭ توننىلىق ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بەرپا قىلدى. ھازىر، ۋىلايىتىمىزنىڭ 1 مىليون مولۇق ئەلا سۈپەتلىك باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتى كەسپىي بازىسى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ۋىلايەت بويىچە قۇرۇلغان يېشىل مېۋە ـ چېۋە بازىسى كۆلىمى 2 مىليون 170 مىڭ موغا يېتىپ، ياڭاق، ئالما، نەشپۈتنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى %85كە، چىلاننىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى %70كە يەتتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش