دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دائىم خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
نىڭبو كۇچاغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مول نەتىجە ياراتتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-25 11:02:07

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ دىڭلى

تاغ ـ دەريالار تومۇرداش بولدى جۇدۇندا، تولۇن ئاي گۇۋاھ بولدى يۈرەكتىكى سېغىنىشقا.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «كۇچاغا ياردەم بەرگەنلىك نىڭبونى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق» دېگەن خىزمەت ئىدىيەسىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۇچا شەھىرىنى ئىككىنچى يۇرتى، دەپ بىلىپ گۈللەندۈرۈپ، كەسىپلەرنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

بۇ يىل 4 ـ ئايدا، نىڭبونىڭ 11 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلىرى كۇچاغا يېتىپ كېلىپ، «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى مەھكەم تۇتۇپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.

شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە «نىڭبو نۇسخىسى»نى بەرپا قىلدى

كۇچا شەھىرىدە، ھازىر ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىمۇ مۈڭگۈز پەردىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلالايدىغان بولدى، يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلار يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئوقۇغۇچىلار مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى نىڭبو مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى...  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھىرى شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە نۇرغۇن ئىزدىنىش ئېلىپ باردى، «پۈتۈن زەنجىرلىك جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى رايون ھالقىش جايى»، «ھەمبەھرىلىك ئوقۇتقۇچىلار»، «باشلامچى قۇرۇلۇشى بويىچە تەربىيەلەش»، «نىڭبو ـ كۇچا بۇلۇت تېرمىنالى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»، «N+1» داڭلىق دوختۇرلار خىزمەت پونكىتى قاتارلىق نىڭبونىڭ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نىڭبو شەھىرى جەمئىي 51 ئوقۇتقۇچىنى ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نىڭبو ـ كۇچا ئىككى جاينىڭ «100 مەكتەپ قوشماقلىشىش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، نىڭبو بالىلار سىفەن ئالىي تېخنىكومىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى 10 ئۈلگە كۆرسىتىش يەسلىسى بىلەن تاغ ـ دەريا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۇچانىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشى، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچىلىق، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق ئامىللىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى؛ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «نىڭبو كۇچا بىلەن بىللە» دوختۇرلار ئىتتىپاقى قۇرۇپ، «كېسەل كۆرۈش ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلارنى يېزىلارغا چۈشۈپ سەييارە كېسەل كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى قەرەللىك «ئائىلە زىيارىتى» قىلدى؛ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، قوش يۆنىلىشلىك قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شېنياڭ پونكىتى، نىڭبو شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن بولۇپ 30غا يېقىن كىشىنى جەلپ قىلدى.

نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوماندان ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز«پىلانلىق ئىختىساسلىقلار + يۇمشاق ئۇسۇلدا تەشكىللەنگەن ئىختىساسلىقلار»، «X+ 1» ئۆمەك تەشكىللەش»تىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە نىڭبونىڭ كۇچاغا ياردەم بېرىشتىكى يۇمشاق ئۇسۇلدا تەشكىللەنگەن ئىختىساسلىقلار خىزمەت پونكىتى»دىن بىرنى قۇرىمىز، نىڭبو ـ كۇچا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، تېببىي تەتقىقاتىدىن ئىبارەت ئىككى ئىتتىپاقنى قۇرىمىز، «ئۇرۇقلۇق داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار»، «ئۇرۇقلۇق داڭلىق دوختۇرلار»دىن ئىبارەت ئىككى زاپاس ئامبار تەسىس قىلىمىز؛ «كادىر، ئىختىساسلىقلار بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش» ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقى ئەندىزىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش، ئاقىللار ئامبىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مۇتەخەسسىسلەر ئارقىلىق كوللېكتىپنى يېتەكلەش، قوشماقلىشىش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تۈر ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش» شەكلى ئارقىلىق، كۇچا شەھىرى ئۈچۈن تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز.

خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى «ئاشۇردى»

ياز كىرگەندىن بۇيان، كۇچا شەھىرىنىڭ چىمەن بازىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىنىڭ «يۇڭتيەن 5 ـ نومۇرلۇق» قوغۇنى كەينى ـ كەينىدىن پىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كۇچادا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان زىرائەت سورتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، كۇچا شەھەرلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى قۇرۇپ، سەككىز تەجرىبىخانا، ئۈچ مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتى قۇردى، كۇچانىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات بويىچە تەربىيەلەش، تەجرىبە قىلىپ سىناق تېرىش، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار پەن تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، 30 نەچچە خىل زىرائەتنى تەتقىق قىلىپ ئۆستۈردى، 3500دىن ئارتۇق سورتنى يېتىشتۈردى، تەربىيەلەنگەن دېھقان ـ چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى 10 مىڭدىن ئاشتى.

دائىم خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، چىن قەلبى، سەمىمىيىتى بىلەن، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىپ، ھەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %85تىن كۆپرەكىنى ئاساسىي قاتلام ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۇچا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز «ئاشۇردى».

بۇ يىل نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كۇچا شەھىرىدىكى توققۇز يېزا (بازار)لىق دوختۇرخانىغا بىر تۈركۈم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ بەردى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى» قۇرۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ھەقسىز مەيدان، سورۇن بىلەن تەمىنلىدى. كۇچا شەھىرىنىڭ «1890 خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى»نىڭ 2.0 نۇسخىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم مائارىپ ۋە داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلاپ، بۇ يىل ئىچىدە سىشياۋ بىلىم يۇرتىنىڭ 2 ـ قارارلىق ئوقۇتۇش بىناسى، تەنتەربىيە سارىيى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەخمىنەن 215 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 155نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى رەقەملىك باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، 42 چوڭ تۈر، 155 تارماق تۈرنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن قوماندان جاڭ جيې مۇنداق دېدى: بىز كۇچانىڭ «10 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 100 كەنتنى تۈزەش» خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، جېجياڭنىڭ «1000، 10 مىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، تەرتىپ بويىچە ئالغا سىلجىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، گۈزەل يېزا ـ كەنت، باي، گۈزەل يېزا ـ كەنت، كەلگۈسى پارلاق يېزا ـ كەنتنى تۈرگە ئايرىپ قۇرۇپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ دەرۋازايا كەنتى، ئۇزۇن بازىرىنىڭ قۇمئېرىق كەنتى، ئاغى يېزىسىنىڭ كان كەنتىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تېزدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە نۇسخىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك بەرپا قىلىمىز.

خاس كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇردى

ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى نىڭبولۇق دوختۇرلارنىڭ ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مەيدانى باشقىچە قىزىپ كەتكەن ئىدى، جۇڭگوچە ئۇسلۇب سارىيىدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇراتتى، 9D كىنوخانىسىدا كىشىلەر ھەر خىل تۇيغۇنى ھېس قىلدى، ئالتۇندەك جۇلالىنىپ تۇرغان كۆممىقوناقلار  دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدا ئاپتاپقا سېلىندى... بۈگۈنكى كۈندە، كۇچا شەھىرىنىڭ ئوچا بازىرى يۇڭكۇ گۈللىنىش كەنتى بەختكە، ئىناقلىققا چۆمدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر خىل كەسىپ تۈرلىرى بۇ كەنتكە ماكانلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ھازىر، يۇڭكۇ گۈللىنىش كەنتى «گۈزەل كۈسەن. نىڭبو ـ كۇچا شاپتۇل مەنبەسى» باش تېمىسىدىكى ساياھەت يېڭى كەنتى قىلىپ بەرپا قىلىندى، مەنزىرە رايونىدىكى ئۈزۈم كارىدورى، مۇزىكىلىق فونتان، گۈل ـ گىياھ سەيلىسى، مېۋە ـ چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش رايونى قاتارلىقلار بىر ـ بىرىگە تۇتاش بولۇپ، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتىنى ھېس قىلىش رايونى، كۈسەن تىياتىرخانىسى، ئاقسۇ ياخشى سوۋغىسى. كۇچا سوۋغاتلىقى كۆرگەزمە ـ سېتىش مەركىزى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندان فەن جۈن مۇنداق دېدى: نىڭبو ـ كۇچا گۈللىنىش كەنتىنى قۇرۇش «تېڭتۇ» ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش قۇرۇش، بىرتۇتاش يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.

نىڭبو ـ كۇچا گۈللىنىش كەنتى نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى بىر كارتىنىسى.

بۇ يىل نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نىڭبو ـ كۇچا گۈللىنىش كەنتى قۇرۇش ئاساسىدا، تېڭتۇ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش شۆيۈەنى شىنجاڭ شۆبىسىنى كىرگۈزۈپ قۇرۇپ، «بىر كەنت، بىر مەكتەپ، بىر مەركەز» ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى يۇغۇرما ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدا سىناق قىلىش،كەسىپلەرنى كىرگۈزۈشتىن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن ـ تېخنىكىنى تىرەك قىلىشقىچە بولغان جەرياندا، كۇچا شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. نىڭبو ـ كۇچا گۈللىنىش كەنتى، بېيىشباغ يېزىسىنىڭ ئىتتىپاق كەنتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى يېزىنىڭ تۆت ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىتنى تۈزەش، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

فەن جۈن مۇنداق دېدى: بىز نىڭبو شەھەرلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەتقىقات ئورنىنى «كۇچانىڭ نېفىت خىمىيە كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئىككى جايدىكى كەسىپ ئىقتىدارى باغچە رايونىنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش ـ يۆلىشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر، سودىگەر چاقىرىش مۇندەرىجىسى، سىياسەت ـ تۈزۈم، نۇقتىلىق ۋەزىپىدىن ئىبارەت تۆت تىزىملىكنى شەكىللەندۈردۇق؛ نىڭبو شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت تەتقىقات ئورنىنى «كۇچا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپلىرىنى يۇغۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، «بىر يادرو، ئۈچ كارىدور، كۆپ نۇقتا»دىن ئىبارەت پۈتۈن رايون مەدەنىيەت ـ ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدۇق.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جانلىق، ياخشى بولدى

نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، كۇچا شەھەرلىك ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى، كۇچا شەھەرلىك يىڭلىن يەسلىسى، كۇچا شەھەرلىك سىشياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرۇپ، «ئۈچ قەلب پارتىيە قۇرۇلۇشى» (مېھرىبان قەلب، ۋاپادار قەلب، مايىل قەلب)دىن ئىبارەت يېتەكچىلىك پىكىر يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۇچا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

8 ـ ئاينىڭ بېشىدا، كۇچا شەھەرلىك سىشياۋ بىلىم يۇرتى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. بۇ بىلىم يۇرتى نىڭبو شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان، يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلغان پۈتۈن زەنجىرلىك جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنىڭ يەنە بىر رايون ھالقىغان جايى تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىلىم يۇرتى «ۋاپادار بولۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، مىننەتدارلىقنى بىلىپ ياخشىلىق قىلىش»نى مەكتەپ تەلىمى قىلىپ، «ئۈچ قەلب پارتىيە قۇرۇلۇشى» ماركىسىنى يارىتىپ، مېھىر ـ مۇھەببەتنى يادرو قىلغان ۋاپادار بولۇش مەدەنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىلىم تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تارقىتىشنى يادرو قىلغان بىلىم يۇرتى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى.

ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتەپلىرىنى بەرپا قىلدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتتى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئاساسىدا، «پۈتۈن زەنجىرلىك جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى رايون ھالقىغان جايى» تۈرى قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ماركىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك يارىتىپ، كۇچادا پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئەلا سۈپەتلىك ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بىلەن شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

نىڭبو شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يەنە «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى كىلاسسىك شىچۈ تىياتىرلىرىنى كۇچاغا يەتكۈزۈش»، «كۇچا كۈسەن ناخشا ـ ئۇسسۇل ئويۇنىنى جېجياڭدا سەييارە قويۇش»، «ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، نىڭبو بىلەن كۇچانىڭ ئالماشتۇرۇش سەپىرى»نى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىڭبو ۋە كۇچا خەلقىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش