دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنى يېپىلدى 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋۇ خۇڭجەن چىمىڭ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى
​ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 11:30:51

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ «بالىلار ۋەتەننى مەدھىيەلەش، 1 ـ ئىيۇننى خۇشال تەبرىكلەش» تېمىسىدىكى خەلقئارا بالىلار بايرىمىلىق ھال سوراش پائالىيىتى ۋە جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشتىكى «يورۇقلۇق ھەرىكىتى» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى چىمىڭ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاپ ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئويۇننى كۆردى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن ۋىلايىتىمىزدىكى ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

ۋۇ خۇڭجەن قاتارلىقلار مەكتەپكە كىرىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا قىزىل گالىستۇك تاقاپ قويدى. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ۋۇ خۇڭجەن مەكتەپنىڭ مۇھىتىنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى، نىشانلاپ مېڭىش، شۇنداقلا ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا كۆردى ھەم بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش مائارىپ ئادىللىقى، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ۋەتىنىمىز غۇنچىلىرىنى پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى «كەلگۈسىمىزنى نۇرلاندۇرايلى» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى، «ۋەتىنىم»، «سىزگە كىچىك گۈل چاپلاق بېرەي» ناملىق ئۇسسۇللار، «مەن جۇڭگولۇق بالا بولغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن» ناملىق شېئىر دېكلاماتسىيەسى، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەۋلادلىرى ئىچىدە مەن بار» ناملىق خور قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلاندى. بالىلار لەرزان ئۇسسۇل، ياڭراق ناخشا ساداسى بىلەن بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدى، جانلىق، يېڭىچە، مول ئىجادىيەتكە تولغان سەنئەت ئويۇنى ئارقىلىق پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ساغلام ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۆسمۈر ـ بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 28 مىليون 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋىلايەتلىك چىمىڭ مەكتىپىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانا ـ ياتاق بىناسىنى يېڭىدىن سالدى، يۈرۈشلەشتۈرۈش قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، مەكتەپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش باسقۇچىدىكى مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭ بويىچە ئەقىل يېتىشتۈرۈش تەربىيەسى يەسلىسىدىن كەسپىي تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان ئوقۇش باسقۇچىنى قاپلىغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنى قۇردى، «جېجياڭ ـ ئاقسۇ ئالاھىدە مائارىپ تەرەققىيات ئىتتىپاقى»نى قۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپنىڭ «كەلگۈسى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى»نى تەربىيەلەش پىلانىنى قانات يايدۇرۇپ، جېجياڭنىڭ ئالاھىدە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شىنجاڭغا يۇمشاق ئۇسۇلدا ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى مېيىپ ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىخەتەر، ئىناق، بەختلىك مۇھىت يارىتىپ بەردى. ۋىلايەت 2021 ـ يىلى «يورۇقلۇق ھەرىكىتى»نى يولغا قويغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بەش قارار قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، تىلى مېيىپ 348 بالىنى داۋالاپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، مېيىپ بالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، مېيىپلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن لو مېييىڭ، ۋاڭ شىنچۇن، ئابلاجان توختى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش