ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. «بۇرۇن، ئاقسۇدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زېمىندا، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە سودىگەر چاقىرىش ئۇچۇرىنى ئىگىلىمەكچى بولساق، نەچچە كۈن قاترىشىمىزغا توغرا كېلەتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە، يەتتە ناھىيە، ئىككى شەھەرنى بىر كۈندە تولۇق چۈشىنىپ بولدۇق. بۇ يەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالىدۇق، ئاقسۇغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىمنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچىم ئاشتى. » 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، شىنجاڭ جۇڭسۈي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى ۋېيدۇڭ ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2023 ـ يىلى 5 ـ قېتىملىق تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ شۇنداق دېدى.
ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەل جايىدا ئۇدۇللىشىش، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشتا چىڭ تۇردى، «سىرتقا چىقىش، كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ۋىلايىتىمىزگە كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭلىشىپ، سودىگەر چاقىرىدىغان كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇپ ياخشى قىلىپ، «ھەر كۈنى ئۇدۇللىشىش، ھەر ھەپتىدە ئالغا سىلجىتىش، ھەر ئايدا كېلىشىم ئىمزالاش، ھەر پەسىلدە ئىش باشلاش»تەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.
ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سودىگەر چاقىرىش مۇھىتى شەرق ئۈمىد گۇرۇھى، شەنشى خېيماۋ، لۇڭيۈ يېڭى ماتېرىياللىرى، جۇڭبو توقۇمىچىلىقى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋىلايىتىمىزگە بەس ـ بەستە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بەش قېتىم تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 75 تۈردە سوممىسى 169 مىليارد 274 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سوممىسى 63 مىليارد 552 مىليون يۈەنلىك 58 توختام تۈرى، سوممىسى 105 مىليارد 722 مىليون يۈەنلىك 17 كېلىشىم تۈرى بار. ۋىلايەت يەنە بەش قېتىم سودىگەر چاقىرىدىغان تۈرلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 120 مىليارد 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 132 تۈرنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىر ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئوبراز كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ سېلىنما مۇھىتى، بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى، سودىگەر چاقىرىش يۆنىلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى بىر قاراپلا بىلەلىدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىش مەسئۇللىرى سودىگەرلەر بىلەن بىرگە بىر پاراڭلىشىۋاتاتتى، چۈشەندۈرگۈچى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ چوڭ زالى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا، كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرى تەكرار كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش تەپسىلات تۈرلىرىدە، قېنىق يېشىل رەڭ شەكىللىنىپ بولغان كەسىپ زەنجىرى ھالقىسىنى، سۇس يېشىل رەڭ تولۇقلاپ سودىگەر چاقىرىدىغان تۈرلەرنى بىلدۈرەتتى.
ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى «بىر بېكەت شەكلى»دىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلدى، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل رەھبەرلىرى، سودىگەر چاقىرىشتىكى كەسپىي تايانچ كادىرلار بۇ مەركەزگە ماكانلاشتى، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سودا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى كېڭىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، مۇددىئاسى بار سودىگەرلەرنىڭ تەشۋىشلىرىنى نەق مەيداندا تۈگىتىپ، تۈرلەردە كېڭىشىپ كېلىشىم ئىمزالاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مەخسۇس خادىمى، رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىش مەخسۇس خادىمى پۈتۈن زەنجىرىلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ مىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 ـ نومۇرلۇق» قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «جان تومۇرى» قىلدۇق. ئاپتونوم رايون تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى «كارخانا ھۆكۈمەتنى ئىزدەش»نىڭ «ھۆكۈمەت كارخانىلارنى تەكلىپ قىلىش»قا، «ناھىيە(شەھەر)لەر بۆلۈنۈپ كېڭىشىش»نىڭ «مەركەز بىرتۇتاش كېڭىشىش»كە، «كارخانىلار ئۆزى قاتراپ بېجىرىش»نىڭ «ھۆكۈمەت پۈتۈن جەريانلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش»كە ئايلىنىشىدەك مۇھىم، زور ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ئاز قاترىتىش، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ سەمىمىي قىلىش، كارخانىلارنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
نۆۋەتتە، ۋىلايەت ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىش ئاقىل چوڭ مېڭە سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقتا. بۇ سىستېما پۈتكەندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ دىققەتنى كەسىپ زەنجىرى ئاجىز ھالقىغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش