دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت «تاغ ـ دەريا» تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 11:22:19

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتتە ئېچىلغان تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى كۆزلەپ، «تاغ ـ دەريا» تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىكەن.

2021 ـ يىلى «تاغ ـ دەريا» تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆزلىگەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

ۋىلايىتىمىزدىكى ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇپ، مەسئۇل رەھبەر كونكرېت تۇتۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋەزىپە ـ نىشاننى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۈر قۇرۇلۇشى جەھەتتە يەنىمۇ كۈچەپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى قاتارلىق تۈرلۈك ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەبىئىي ئوتلاق، توغراقلىق قاتارلىقلارغا قارىتا قاشالاپ چارۋا بېقىشنى چەكلەش ۋە سۈنئىي قاشالاپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى يولغا قويۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنىڭ چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ «ئاقسۇ ئىمتىھان قەغىزى»گە ياخشى جاۋاب بېرىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى جيا جىڭلېي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش