ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك مىللەت ـ دىن ئىشلىرى ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش . ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت كۆرىكى ۋىلايەتلىك كىنو ـ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەرخىل كۆرۈش، ئاڭلاش زىياپىتى بەردى.
پائالىيەت «مۇھەببىتىمنى ئانامغا بېغىشلايمەن» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى، «ئىناقلىق نۇرى» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ناخشا، «ئىككىلا تەرەپ قوشۇلۇش» ناملىق ئېتۇت، «گۈزەل جۇڭگو» ناملىق ئۇسسۇل قاتارلىق 12 نومۇر ئارقا ـ ئارقىدىن ئورۇنلاندى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس قۇربان نىيازنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل مەكتىپىنى قۇرۇش سەرگۈزەشتىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان «ئەڭ نۇرلۇق، ئەڭ نۇرلۇق ئاشۇ يۇلتۇز» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر نۇرغۇن تاماشىبىننى تەسىرلەندۈرۈپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
تاماشىبىن گۈلجەننەت نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات ـ سەنئەت كۆرىكىدىكى ھەربىر نومۇر ۋە ھېكايە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى، مەن بەك تەسىرلەندىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەمەرجان ئىمىن ئويۇننى كۆردى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش