ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاندا جۇلالاندى، جېجياڭ بىلەن ئاقسۇ قول تۇتۇشۇپ ساپانى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى كادىرلار جېجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى، ۋىلايەت ۋە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاياللار خىزمىتى كومىتېتى (ئاياللار كومىتېتى)لىرى، بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي تايانچ كادىرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 32 كىشى قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى. كۇرس توققۇز كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تەربىيەلەش شەكلىدە نەزەرىيە ئوقۇتۇشى بىلەن نەق مەيدان ئوقۇتۇشى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، تەربىيەلەش مەزمۇنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى، ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جېجياڭ ئۆلكىلىك ئايال كادىرلار مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر چېن بۇيۈن كۇرسقا قاتناشقانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كۆپچىلىكنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سوراپ ئۆگىنىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئايال ئاممىنى يېتەكلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت تۈپ فۇنكسىيەسى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، ئاياللار ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاياللار خىزمىتىنى قوللاشتەك ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ياڭ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىلغار خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، «ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاندا جۇلالاندى» قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، ئاياللارنى ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش، ئائىلە خىزمىتى قاتارلىقلارنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ئاياللارنى ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشقا ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشتىن ئىبارەت.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش