ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار ــ كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىن كەلگەن 12 ماھىر كەسكىن رىقابەتلەشتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، باش تېمىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە ئىجادىي تەپەككۇر ساۋاتلىرىدىن سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىدىن تەركىب تاپقان. باش تېمىلىق چۈشەندۈرۈش ھالقىسىدا، كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش، ئىناقلىق گۈزەللىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، سىن، PPT ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش، نومۇر ئورۇنلاش ئارقىلىق يۇرتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى؛ ئىجادىي تەپەككۇر ساۋاتلىرىدىن سوئالغا جاۋاب بېرىش ھالقىسىدا، كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر سوئاللارغا بەس ـ بەستە جاۋاب بېرىپ، ئۆسمۈرلەر ـ بالىلارنىڭ جۇشقۇنلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرى، 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى، 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى تاللاپ چىقىلدى.
شايار ناھىيەلىك 7 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 ـ يىللىق 7 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ساباھىدىن راخمان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مېنى يۇرتىمىزنىڭ تارىخى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يەنىمۇ چۈشىنىش، دادىللىقىمنى چېنىقتۇرۇش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلىك رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى مەدھىيەلەيمەن، ۋەتەننى مەدھىيەلەيمەن، يۇرتىمىزنى مەدھىيەلەيمەن.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن جەريانى ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، كۆرگۈچىلەر 893 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لۇ چۇنپىڭ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ يۈشۈەن پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش