دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

تور سودا سوممىسى 6 مىليارد 379 مىليون يۈەنگە يەتتى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 10:57:22

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە يارىتىلغان تور سودا سوممىسى 6 مىليارد 379 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.65 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 833 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.54 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «رەقەملىك سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ خاس بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، توردا تېخىمۇ «دىققەتنى تارتىدىغان» يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى بەرپا قىلدى، ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى، باۋيۈەن ياڭىقى، تىيانشان تارتۇق چىلىنى، شايار لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىز بويىچە يارىتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 788 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.52 ئاشقان.

ۋىلايەت ۋە ناھىيە (شەھەر)لەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش، قىسقا سىن ئىشلەش ۋە كىرىشتۈرۈش مەشغۇلاتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپى قۇرۇش، قانداق قىلىپ مەستانىلەرنى تېز كۆپەيتىش، قانداق قىلىپ خېرىدار ئېقىمىنى جەلپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا «زاكاز چۈشۈرۈش شەكلى»دىكى ھەقسىز ئۆگىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسىنى مەخسۇس تەسىس قىلىپ، كۆرۈلۈشى يۇقىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى بەرپا قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئارقىلىق ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت ۋە ناھىيە (شەھەر)لەر دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كارخانىلار، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ئامما توپىغا قارىتا جەمئىي 55 مەيدان (قېتىم) ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 2300دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش