ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى باشلاش بويىچە سىنلىق يىغىن ئېچىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى»دىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
بۇ يىل 6 ـ ئاي مەملىكەت بويىچە 22 ـ قېتىملىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» بولۇپ، باش تېمىسى «ھەممەيلەن بىخەتەرلىكنى تەكىتلەش، ھەممەيلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش»تىن ئىبارەت.
6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە، ۋىلايەت بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى كارخانا، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدۇ؛ «پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ جاننى قۇتقۇزىدىغان 10 چوڭ مانېۋىر سىن فىلىمى»نى قويۇپ، ئاممىغا جاننى قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ؛ «ھەممەيلەن بىخەتەرلىكنى تەكىتلەش، ھەممەيلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش» تور زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، توردا «جاننى قۇتقۇزۇش مانېۋىرى مەشىق لاگېرى»، «16 ـ ئىيۇن» تور ۋە تور سىرتىدا بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى بىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ يەر تەۋرەش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تولۇق قاپلاش، تور يېيىش شەكلىدە كەڭ كۆلەملىك بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرۈش، كەڭ كۆلەملىك تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرىدۇ؛ تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنى ئېغىر، زور يوشۇرۇن خەۋپ ۋە قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھازىرقى بىخەتەر تەرەققىيات جەريانىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ھالقا، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېغىر، زور يوشۇرۇن خەۋپ ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە، ئاپەتكە ئايلىنىشتىن بۇرۇن تۈگىتىدۇ؛ پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەشۋىقات پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى زورايتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى جيا جىڭلېي يىغىنغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش