دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 7 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ​ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ «سۈرئەتنى تېزلىتىش كونۇپكىسى» بېسىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-02 11:29:38

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق سېلىنما تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى 5 ـ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت قىلىپ، تۈرنى تۇتقانلىق ئىقتىسادنى تۇتقانلىق دېگەن روشەن يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتى، ئۈنۈمى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەكشۈرگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەھكەم مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىشنى تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرتىپلىك ھالدا ئىش باشلاشنى تۇتۇپ، سۈرئەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ۋىلايىتىمىزدە سېلىنما مىقدارى، خىزمەت مىقدارى، ئەمەلىي مىقداردىن ئىبارەت «ئۈچ مىقدار تەڭ ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار تۈر ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «جان تومۇرى» ۋە «مۇھىم ھالقىسى» دەيدىغان ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، 2 ـ، 3 ـ پەسىلدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، «ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاش» نىشان ـ ۋەزىپىسىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەگىشىپ ئۈنۈمىنى سوراشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش، يەنىمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، «بۈگۈن ھەرقانچە كەچ بولسىمۇ بالدۇر، ئەتە ھەرقانچە بالدۇر بولسىمۇ يەنىلا كەچ» دەيدىغان ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدۇ؛ سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، قاتلاممۇقاتلام تەھلىل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، سېلىنما ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، سېلىنمىنىڭ پۇختا قەدەمدە ئېشىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ سېلىنما سۈپىتى، ئۈنۈمى جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن جيا جىڭلېي، جۇ لېي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش